دوتسېىنت دوكتۇر بۇرھان سېتى ئەپەندىمنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە بىلىملەر ئاكادېمىيەسى بىلەن تۈركىيە بىلىم ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن،2018-يىللىق ئەڭ ياخشى ياش تەتقىقاتچى بولۇپ باھالىنىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قېرىندىشىمىز دوتسېىنت دوكتۇر بۇرھان سېتى ئەپەندىمنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 
«شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى » قۇرۇلـمىسى ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى، يىڭى نەسىل ھەركىتى ۋە ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئورتاق تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. 
قۇئان تىلاۋىتىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى دوتسېنت دوكتۇر بۇرھان ئەپەندىم قولغا كەلتۈرگەن نەتىجلىرىنى تەبرىكلەپ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدىمۇ ئۇتۇق ۋە غەلىبە تىلەپ سۆز قىلدى. تەبرىك سۆزىدىن كېيىن، خەلقىمىز ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدىن دوكتۇر بۇرھان سېتى ئەپەندىمگە دوپپا ۋە تون كەيدۈرۈلدى. 
مۇراسىم ئاخىرىدا بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق خەلقىمىز بۇرھان ئەپەندىمنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى ۋە خۇرسەنلىكنى نامايە قىلدى.

About admin

Leave a Reply