باش بەت | قىسقا خەۋەرلەر ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دىققەت نۇقتىسىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پات شاناخان خىزمەتكە چۈشكەن بىرىنچى كۈنىلا ئېنىق قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى دىققەت نۇقتىسىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم مەتتىس خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن مەزكۇر ئورۇنغا كۆرسىتىلگەن پات شاناخان شۇ كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىملىرى ۋە باشقا ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى يىغىپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن رىقابەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. 

خەۋەردە شاناخاننىڭ بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا ئامېرىكىنىڭ دىققەت نۇقتىسىنىڭ «خىتاي، خىتاي ۋە يەنە خىتاي» بولۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، پات شاناخان ۋاشىنگتون شتاتىدىن ئۆسۈپ چىققان كىشى بولۇپ، ئۇ 1986-يىلىدىن بۇيان بوئېن شىركىتىدە ئىشلىگەن ئىكەن.

About admin

Leave a Reply