توقسۇندىكى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇر ياشلىرىنى يۆتكەشنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىدىكى رايونلارغىمۇ كېڭەيتكەنلىكى مەلۇم.

تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، يېقىندا تۇرپاننىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىن 103 نەپەر ئۇيغۇر ياش خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى ئاستىدا يۆتكىۋېتىلگەن. 

خەۋەرگە قارىغاندا، ھازىرغىچە تۇرپاندىن خۇنەن ئۆلكىسىگە يۆتكەپ ئاپىرىلغان كىشى سانى 3600 نەپەرگە يەتكەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئاساس قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان ئىدى. 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەرگە قارىغاندا، 2018-يىلى 11 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» جەمئىي 2 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت- بىر ئوبلاستتىن يۆتكەلگەن ئادەم سانى 82 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن ئادەم سانى 25 مىڭ نەپەردىن ئاشقان.

ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلەر تۈرلۈك ئىمتىيازلار بىلەن تۈركۈم-تۈركۈملەپ كۆچۈرۈلۈۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە «ئىشسىزلىق» باھانىسى بىلەن يۆتكىلىشى چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

About admin

Leave a Reply