ئۇيغۇر گۆدەكلىرىگە خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش جىددىي كېڭەيمەكتە

خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركسىتاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياستى سەۋەبلىك كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئىگە چاقىسىز قالغانلىقى ئاشكارا بولغان ئىدى.

يېقىندا ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسىملاتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياستىنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدىكى يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە خىتاي تىلى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئورۇنماقتا ۋە خىتاينىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن قالغان قالاق كىيىملەرنى كېيىشكە زورلىماقتا.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، لوپ ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر «تەكلىماكاندىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە» دە بولۇشىغا قارىماستىن خىتايچە چاڭچىلە ئۆگىنىشنى ئومۇملاشتۇرغان. خىتاي دائىرىلىرى «مائارىپنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم قەدىمى» دەپ تەرىپلەۋاتقان بۇ ئىستراتېگىيەگە بىنائەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى چاڭچىلە، خىتايچە ھۆسنخەت يېزىش، ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناش، ‹ئۈچ خەتلىك دەستۇر›نى يادلاش، خىتاينىڭ تاڭ ۋە سوڭ دەۋر نەزملىرىنى يادلاش قاتارلىقلارغا تەشكىللىمەكتە ئىكەن. 

ئۇلار بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ چاڭچىلىنى لوپ ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىشىمىز مول مەزمۇنلۇق بۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تاتقۇزۇشنى نىشان قىلغان» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنخۇي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» شەھەرلىرى لوپ ناھىيەسى بىلەن توختام تۈزۈپ، يېقىن كەلگۈسىدە چاڭچىلە ئۆگىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ «مۇتەخەسسىسلەر» نى ئەۋەتىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن. 

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدىمۇ خوتەن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇشۇ خىلدىكى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

About admin

Leave a Reply