دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھىم قارار ئېلىندى

دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھىم قارار ئېلىندى

ئىستانبۇلنىڭ سۈتلىجە رايونىغا جايلاشقان «خېلتون گاردېن» مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا 15 – نۆۋەتلىك دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىن ئەزەربەيجان ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان، ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، ئازەر، تاتار قاتارلىق 38 دىن ئارتۇق تۈرك تىل سىستېمىغا تەۋە خەلقلەردىن 130 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتتى. 

بۇ يىغىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلدى.

ئىستانبۇلنىڭ سۈتلىجە رايونىغا جايلاشقان «خېلتون گاردېن» مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن  بۇ يىغىندا، تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئابدۇللايۇف ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

يىغىندا يەنە تۈرك بىرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى خېلىل ئاكىنجى، ئەزەربەيجان ياشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىنتىقام بابايۇف، ئىراق ياشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىنى ۋە پارلامېنت ئەزاسى فەۋزى ئەكرەم تەرزىئوغلى، بۇلغارىسىتان پارلامېنت ئەزاسى گۈنەر تاھىر، ب د ت نىڭ ئەزەربەيجاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فىكرەت ئاكچۇرا، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ھارۇن قايا، تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كەمال يۇرتناچ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ۋەكىللەر سۆز قىلدى ھەم تۈرك دۇنياسى بىرلىكى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان  سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە دىنىي بېسىمغا ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، 4-6 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان يەسلىلەردە ئانا تىلى ئۆگىتىشنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگىتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ، ئۇ يەردىن خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىۋاتقان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارنى خىتايلارنىڭ سۈمۈرۈۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاساسىي سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلى ئاڭلاتتى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا قېرىنداش خەلقلەرگە ئوخشاش ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ قۇللاپ – قۇۋەتلىشىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ  قىلدى.

 

كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى ۋە يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

بۇ يىغىن 2012 – يىلى 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 19 – كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلغان بولۇپ يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئاخىرىدا، تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار 15 ماددىلىق قارار ئېلىندى ۋە بۇ قارارلار يىغىندا ئېلان قىلىندى.

قارارنىڭ 1-ماددىسىدا، دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى قارار قىلدى.

ئالاقىدار ئېلىنغان قاراردا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك بېسىمىنى ۋە ئانا تىلىنى يوق قىلىش سىياسىتىنى ئەيىبلەيدۇ. خۇسۇسەن دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى، بۇ تەشكىلاتقا قاراشلىق پۈتۈن ئەزا تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە بېسىملارنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈش، تۈرك دۇنياسى بىرلىكى قۇرۇش، تۈرك تىل بىرلىكى، پىكىر بىرلىكى ۋە خىزمەت-پائالىيەت بىرلىكى قۇرۇش شوئارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

بۇ يىغىن 1992-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇ يىلقى يىغىندا يەنە دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلتاي يىغىنى ئېچىلىپ رەئىس ۋە رەھبەرلىك ھەيئىتىنى قايتىدىن سايلاپ چىقتى. سايلامدا دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى ئەكرەم ئابدۇللايۇف ۋە رەھبەرلىك ھەيئەت ئەزالىرى قايتىدىن سايلاندى.

يىغىن ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىگە تۈرك دۇنياسىغا قوشقان خىزمەتلىرى ئۈچۈن  شەرەپ تاختىسى ۋە پىلاكات تەقدىم قىلىندى. پىلاكاتنى دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئابدۇللايۇف تەقدىم قىلدى. 

سۈرەتتە: دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئابدۇللايۇف ئۇيغۇر ۋەكىل مۇساجانغا  پىلاكات تەقدىم قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش

دۇنيا تۈرك ياشلار بىرلىكى تەشكىلاتى 1992-يىلى تاتارىستاننىڭ قازان شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ بۇ تەشكىلاتقا ھازىر 18 دۆلەت ۋە رايوندىن 36 تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقنىڭ 45 تىن ئارتۇق تەشكىلاتى ئەزا ئىكەن.

About admin