ھەيئىتىمىز مالايسىيانىڭ پەراك ۋىلايىتى دىنى ئىشلار باشقارمىسىنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان 2019-يىلى 01-ئاينىڭ 10- كۈنى مالايسىيانىڭ پەراك ۋىلايىتى دىنى ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى دوكتۇر ھاجى مۇھەممەد يۈسۈپ ھۈسەيننى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلـمانلار دۈچ كىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچلىق ۋە زۇلۇم ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەردى.
ھۆرمەتلىك پەراك ۋىلايىتى دىنى ئىشلار باشقارمىسى پەراك ۋىلايىتى بويىچە جۈمە خۇتبىسىدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش بۇيرىقىنى بەردى .

About admin

Leave a Reply