ھەيئىتىمىز مالايسىيا خەلقئارالىق ئىسلام ئۈنىۋىرستىتىنى زىيارەت قىلدى

مالايسىيا زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋەكىللىرى 2019-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنى، مالايسىيا خەلقئارالىق ئىسلام ئۈنىۋىرستىتى، ئىسلامىيلاشتۇرۇش مەركىزى رەئىسى پروفېسسور دوكتۇر ئەكمەل ھۇزەيرىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلـمانلار دۈچ كىلىۋاتقان دىنى بېسىم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بىرىلدى.
شۇنىڭدەك، خەلىقئارالىق ئىسلام ئۈنۋىرستىتى جامىسىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلىدىغان ۋە مەركەزگە قاراشلىق جامىلەردە جۈمە كۈنى شەرقى تۈركستان ھەققىدە خۇتبە ئوقۇلىدىغان بولدى.

About admin

Leave a Reply