رەئىسىمىز ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان « شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنۇتما!» دېگەن تېمىدىكى يغىنىدا سۆز قىلدى

رەئىسىمىز ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان  « شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنۇتما!» دېگەن تېمىدىكى يغىندا سۆز قىلدى

26 – يانۋار ئىستانبۇلنىڭ باشاق شەھەر چىنار كالېجى (مەكتىپى) يىغىن مەركىزىدە « شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنۇتما!» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىننى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئىنسانى ياردەم ۋەخپى ( IHH) نىڭ باشاق شەھەر شۆبىسى، ئۇيغۇر ئىلىم ۋە تەتقىقات ۋەخپى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە يەرلىك خەلقتىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك ڧىلىم كۆرسىتىلدى.
يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا يەنە، ئانادولۇ ياشلار جەمئىيتى باشاق شەھەر شۆبە رەئىسى ئۆمەر پارۇق ئاقيۈزلۈ ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «تەربىيىلەش» نامىدا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ جازا لاگىرغا قاماپ بارلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشى كېرەك» دېدى.  
يىغىندا يەنە، تۈركىيە مائارىپ كومىتېتى باشاق شەھەر شۆبە رەئسى تۇجار ئىنجىباشقاق ئەپەندى سۆز قىلىپ، دىن دۈشمەنلىرى بىرلىك سەپ قۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلارنى قان يېغلاتماقتا، جۈملىدىن خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىرقى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار بىرلىشىشىمىز كېرەك» ، دېدى.
يىغىن جەرىيانىدا سۇتۇق بۇغراخان قىزلار قۇرئان كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى « شېھىتلار ئۆلمەس » دېگەن تېمىدا مۇڭلۇق ناخشىنى ئېيىتپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.  
يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى پېشقەدەم ئۆلىما نىياز داموللام شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزنىڭ ئائىلسى ۋە جەمەتىدىن 41 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمە ياكى لاگېرغا قامالغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسىنى شەھىد قىلىپ جەسىدىنى بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئاخىردا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى مەھمۇتجان داموللامنىڭ باشچىلىقىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشى ئاستىدا قىرغىن قىلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدى.

About admin

Leave a Reply