ئەرزۇرۇمدا شەرقىي تۈركسىتان ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئەرزۇرۇمدا شەرقىي تۈركسىتان ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
27 – يانۋار تۈركىيىنىڭ ئەرزۇرۇم شەھرىدە « كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىننى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى مۇنبىرىنىڭ ئەرزۇرۇم شۆبىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى ۋە  خىتاي كوممۇنسىتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىشى يۈرگۈزىۋاتقان بېسىملىرى، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرغا قامالغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىگە خىتايلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قاتارلىق مۇھىم نوقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تۈركىيە خەلقىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ دەستەك بېرىشكە چاقرىق قىلدى.

About admin

Leave a Reply