6 كىشلىك ئۇيغۇر ھەيئىتى مالايسىيانى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان 6 كىشىلىك ھەيئەت 8 – يانۋار كۈنى مالايىسە زىيارىتىنى رەسمى باشلىدى. ھەيئەت ئالدى بىلەن مالايسىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇپتىسى بىلەن ئۇچراشتى.

بۇ ھەيئەت، مالايسىيا زىيارىتى جەرىيانىدا مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

مەزكۇر ئۇيغۇر ھەيئىتى زىيارەت جەريانىدا  يەنە ھەر خىل رادىيو – تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىدىكەن شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېچىلغان يىغىنلارغا قاتنىشىپ دوكلات بېرىدىكەن.

ئۇيغۇر ھەيئەت زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كۇئالا لۇمپۇردا مالايسىيا دىنى ئىشلار ئىدارىسنىڭ رەئىسى بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچراشقاندىن باشقا يەنە WADAH, GLOBAL PEACE, ABİM ANJUNG RAHMAH  قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۇنغان ۋە ئۇلار بىلەن  ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئاۋستىرالىيەدىن مالايسىياغا بارغان دىنىي ئۆلىما ئابدۇسالام ئالىم، مالايسىيا «TV3 » قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتقان، بولۇپمۇ ئۇ خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قويغان دىنى جەھەتتىكى چەكلىملىرىنى دەلىل – پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ فېسبوك سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە يېزىلغان مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۇيغۇر ھەيئەت 9 – يانۋار كۈنى يەنى زىيارىتىنىڭ ئىككىنجى كۈنى مالايسىيە خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرىسىتىتىنى زىيارەت قىلغان ۋە مالايسىيە ئىسلام مەركىزىنىڭ پروفېسسۇرى ئاقمال خۇزەيىر ئەپەندى بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. جۈمە كۈنى مالايسىيە ئىسلام مەركىزىگە قاراشلىق پۈتكۈل جامئى – مەسجىدلەردە ئوقۇلىدىغان خۇتبىلەردە «ئۇيغۇر مەسىلىسى» تىلغا ئېلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈلىشچە، ئۇيغۇر ھەيئەت مالايسىيە زىيارىتى جەرىيانىدا يەنە يەرلىك ئىجتىمائى تەشكىلاتنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن مالايسىيەدىكى ھەر ساھە مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن، ئاكادېمىكلەر، كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا يۇمۇلاق ئۈستەل مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. مۇزاكىرىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى «شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتامدۇ؟» دېگەن تېمىدا بولغان.

ئۇيغۇر ھەيئەتنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللا شەھيار، مۇئاۋىن رەئىسلىرى- سىراجىدىن ئەزىزى، ئاۋسترالىيەدىن ئابدۇسالام ئالىم قاتارلىق 6 كىشى بار ئىكەن.

زىيارەتكە ئاۋۇستىرالىيەدىن قاتنىشىۋاتقان ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندى بۇ زىيارەتنىڭ ناھايىتى غەلبىلىك بولىۋاتقانلىقىنى، ئاممىۋىي تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ئاڭلتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇتۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئەللەرنى كۆپلەپ زىيارەت قىلىپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكىلات تەقدىم قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.  

2018 – يىلى 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنلىرى مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە دۆلەتلىرىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە نەچچە مىڭلىغان خەلق ئاممىسى كوچىلارغا چىقىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ۋە جازا لاگېرلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

About admin

Leave a Reply