6 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ مالايسىيادىكى سەپىرى ئۈنۈم كۆرسىتىشكە باشلىدى

مالايسىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان 6 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ مالايىسيادىكى پائالىيەتلىرى ئۈنۈم كۆرسىتىشكە باشلىغان.  

مالايسىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان 6 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ مالايىسيادىكى پائالىيەتلىرى ئۈنۈم كۆرسىتىشكە باشلىغان.  

11–يانۋار، يەنى جۈمە كۈنى مالايسىيادا بىر قىسىم ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار باياناتلار ئېلان قىلدى ۋە نامايىش ئېلىپ باردى. مالايسىيانىڭ ھەرقايسىي جامە ۋە ئىسلام مەركەزلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى. جۈمە نامىزىدىكى قۇتبىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.

مالايسىيا زىيارىتىنى داۋاملاشۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان 6 كىشىلىك ھەيئەتنىڭ مالايىسيا زىيارىتى بۈگۈن 5-كۈنىگە قەدەم قويدى.  ئۇلار مالايسىيانىڭ ھەر ساھە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە دىنى ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئۇلار يەنە مالايسىيا دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، ئىسلام تەتقىقات مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلاتتى.

مالايىسيا زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ھەيئەت  2019-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى مالايسىيا باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان دوكتۇر سەييىد ئالبارنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ كۆرۈشتى. زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن. زىيارەت جەريانىدا ئۇلار يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ھازىرلانغان دوكلاتنى سەييىد ئەپەندىگە تەقدىم قىلغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

ھەيئەت يەنە  2019-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى مالايسىيا پايتەختى كۇئالا-لامپۇر شەھىرىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسىيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەئىسى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى مالايسىيا شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى ئازمى ئابدۇلھەمىد ئەپەندىنى ھەمدە مالايسىيا دىنى ئىشلار ئىدارىسى شۇرا ئەزاسى شەيىخ ئابدۇلغەنى شەمسىددىن ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇيغۇر ھەيئەت ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار دۈچ كىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچلىق ۋە زۇلۇم ھەققىدە تەييارلانغان دوكلات تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بىلەن ئاسىيا ئۆلىمالار بىرلىكى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئۇيغۇر مەسىلىسنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن.

ئۇيغۇر ھەيئەت مەركىزى كوئالا-لانپورغا جايلاشقان ۋاداھ: يەنى «مالايسىيا جەمئىيەتنى مەلۇماتلاندۇرۇش ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر تەشكىلات ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئىتىقادى، مەدەنىيەتلىرى، تىلى، دىنى مۇراسىملىرى ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، دۇئا قىلىش، ساقال قويۇش، ئىسلامىي كىيىنىش خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ھەيران قالارلىق بىر شەكىلدە جىنايەت ھېسابلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىغا قاملىشىقا سەۋەب بولغان.»

باياناتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگىرلارغا قامالغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكىلاتتىكى بىر مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىغا قامالغانلىقىنى دەلىل ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە تۇتۇلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلىكىدىن جازا لاگىرلارنىڭ كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ۋاداھ تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ئەھۋالاردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. خەلقئارا جامائەتنى خىتايغا بېسىم قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلىمىز». باياناتنىڭ ئاخىرىغا «ۋاداھ» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت ئەزەم ئابدۇراخماننىڭ ئىمزاسى قويۇلغان.

جۈمە كۈنى مالايسىيا ئىسلام مەركىزىنىڭ چىقارغان ئۇقتۇرۇشى بىلەن ئىسلام مەركىزىگە قاراشلىق بارلىق جامە-مەسجىدلەردە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلغان.

ۋاقىتنىڭ زېچلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ھەيئىتى بىر قانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى مالايسىيا ئىسلام ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مەسجىتىدە جۈمە خۇتبەسى ئوقۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان. ئۇيغۇر ھەيئەت ئىچىدىكى ئابدۇسالام ئالىم كوئالا-لامپوردىكى زۇبەيدە جامەسىدە جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئوقۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.

ئابدۇسالام ئالىم جۈمە خۇتبەسىدە سۆز قىلىپ، بىر قانچە يىل ئىلگىرى مالايسىيانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋېتىدىن خەۋەر ئېلىنمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىسلام ئىتىقادى بويىچە «دىنىي قېرىنداشلارغا زۇلۇم قىلىنغانلىق» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مالايسىيە خەلقىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقىشقا چاقرىق قىلدى.

ئابدۇسالام ئالىم سۆزىدە يەنە خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيىگە ھىجرەت قىلغان 25 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا تۈركىيە ھۆكۈمىتى قۇچاق ئاچقانلىقىنى، ئۇلار خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىكىنى، گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارغا رەسمىي ھالدا ھېچ بىر ياردەم قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تۈركىيىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم چېكىۋاتقان مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاۋاز چىقىرىشىغا ۋە ئۆزلىرىگە مەدەت بېرىشىگە مۇھتاج،» دېدى.  

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ھەيئەت 1–ئاينىڭ 16–كۈنىگىچە مالايسىيا زىيارىتىنى داۋام قىلىدىغان بولۇپ، 5 – 6 شەھەرنى ئايلىنىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مالايسىيا خەلقىگە تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان

بۇ قېتىملىق مالايسىيا زىيارىتى ۋە ئۇ يەردىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

About admin

Leave a Reply