ئامېرىكا: «شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتىمىز»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 14‏-مارت كۈنى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا نىشانلىق تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ «ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېغىر نومۇس» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. 

ئەركىن ئاسىيا ردىئوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى روبېرت پاللادىنو 14‏-مارت ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك ئاخبارات يىغىنىدا، «بىز بۇ قىلمىشنى سادىر قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىمىز. شۇنىڭدەك ئۇلارغا قارىتا نىشانلىق ئېمبارگو، نىشانلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز» دېگەن. پاللادىنو ئامېرىكانىڭ 2018‏-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ ئارقىدىنلا بۇ سۆزلەرنى قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 13‏-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناھايىتى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان. 

دوكلاتتا، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك قامىشىدىكى مەقسىتى ئۇلارنىڭ «مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىش» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، روبېرت پاللادىنو كېيىنرەك ئۆزىنىڭ ئېمبارگو، دېگەن سۆزنى خاتا ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما «نىشانلىق تەدبىر قوللىنىمىز» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىگە چۈشەنچە بەرمىگەن. 

ئۇ «داۋاملىق خىتاينى رايوندىكى سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. 

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ تۈركىيەنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىگە بەرگەن باھاسى ۋە ئۇنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېغىر نومۇس» دېگەنلىكىگە ناھايىتى قايىل بولغان. روبېرت پاللادىنو پەيشەنبە كۈنى يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلىشتىن سەل بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ دوكلاتىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دائىر تەنقىدلەرنى قاتتىق سۆزلەر بىلەن كەسكىن رەت قىلغان ئىدى.

About admin

Leave a Reply