كۆرگەزمە پائالىيىتىگە تەكلىپ

بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 29 _ يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، 5 – ئاپرىل كۈنى ئىستانبۇلدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ.  كۆرگەزمىدە بارىن شەھىدلىرىنىڭ رەسىملىرى قويۇلۇش بىلەن بىرگە، خەلقىمىز ھازىر دۈچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر، مەدەنىيەت – ئۆرۈپ – ئادەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرىدىغان رەسىملەر قويۇلىدۇ ۋە تەشۋىقات راۋاقچىلىرى تارقىتىلىدۇ، سىنئالغۇ – ۋىدىئو فىلىم كۆرسىتىلىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتىقاندا بۇ رەسىم ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىر دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى تۈركىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش، جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش بۇ ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىش، مەۋجۇت كۈنتەرتىپنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش مەقسەتتە بىر ھەپتىلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمە مەيدانىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:  شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى

ئورنى: ئىستانبۇل فاتىھتىكى ساراچخانا باغچىسى مەيدانى

ۋاقتى: 2019 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە بەش كۈن داۋام قىلىدۇ.

ئېچلىش مۇراسىمى: 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئەتتىگەن سائەت 09:00 دا باشلىنىدۇ.

كۆرگەزمە ھەر كۈنى سائەت: 09:00 – 19:00 ئارىسى ئۇچۇق بولىدۇ.

About admin

Leave a Reply