شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ باياناتى

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ در. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ خىتتايدا گېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەرگەن باياناتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە ئورېگېن ساقلىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بالىياتقۇ ھۈجەيرىسى ۋە گېن داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى در. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ خىتتايدىكى بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، DNA تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق تەشۋىشلىنىدۇ. بەزى ئىسپاتلانمىغان گۇمانلارغا كۆرە، خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ خىتتايدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ ئوبيېكتى بولغان. بۇ خەۋەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىئاسپورا جامائەتلىرىدە كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىدى.

2019-يىلى فېۋرالدا «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنىشىچە، خىتتاي DNA ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىزلايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ماساچۇسېتىتتىكى تېرمو فىشېر دېگەن شىركىتى بىلەن يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داڭلىق گېنېتىكىشۇناسى در. كېنېس كىد باشقىلار بىلەن بىرلىكتە خىتتاينىڭ غايەت زور كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. ئەگەر در. مۇتەللىپ خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئىشلەتكەن ئىلمىي مۇئەسسەسىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا باشقا مۇتەخەسىسلەردەك ياردەم قىلغان بولسا، بۇ نوقۇل ئىلىم مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى يەنە كەسكىن بىر ئەخلاقىي ۋە ئېتىكىلىق مەسىلە بولىدۇ.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىلىم-پەننىڭ چېگرىسى يوق، شۇنداقلا ئىلمىي بايقاشلار دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى ماكان قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، ئەخلاقنىڭ پرىنسىلىرى بويىچە ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىش ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ مەنىدىن، در. مۇتەللىپ—خۇددى باشقا ئالىملاردەك—ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى چوقۇم ئۇنىۋېرسال قىممەتلەر ۋە پرىنسىپلار دائىرىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداقلا، در. مۇتەللىپتە چوقۇم خىتتاينىڭ نېمىشقا ۋە قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا قانۇنسىز توپلاپ ئارخىپلاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان يۈز ۋە ئاۋاز تونۇش سىستېمىلىرىنىڭ كۆزىتىشىگە دۇچار قىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنجە بولۇشى كېرەك. ئۇ يەنە شۇنىمۇ چوقۇم بىلىشى كېرەككى، DNA نى ئارخىپلاشتۇرۇش خىتتاينىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن—يەنى در. مۇتەللىپنىڭ خەلقىنىڭ كۈلتۈرال قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

شۇنداق تۇرۇقلۇق، در مۇتەللىپ تا ھازىرغىچە خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇشىدەك قانۇنسىزلىقىغا پۈتۈنلەي سۈكۈت قىپ كەلدى. تېخىمۇ يامىنى، ئۇ ھازىر خىتتاينىڭ گېن-ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ ۋە بۇ تېخنىكىدا خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەجرىبە قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، ئۇ يەنە خىتتاينىڭ قورقۇنچلۇق جازا لاگېرلىرىدا ئىڭراۋاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغىمۇ سۈكۈت قىپ كەلدى. بولۇپمۇ، ئۇ خىتتاينىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن جازا لاگېرلىرىغا بەنت قىلىنغان در. تاشپولات تېيىپ بىلەن در. خالمۇرات غوپۇردىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مەشھۇر ئالىمىنىڭ تەقدىرىگە سۈكۈت قىپ كەلدى. بۇ ئىككى ئالىم ئىلگىرى در. مۇتەللىپنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھىم روللارنى ئوينىغانىدى.

شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ئەخلاقىي نۇقتىدىن ئالغاندا، در. مۇتەللىپ خىتتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك. يەنى، ئۇ خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۆزىنىڭ كۈلتۈرىدىن ۋاز كېچىشكە زورلىنىپ، غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ھەققىدىكى پاكىتقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئۇ ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىش نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىرلىنىش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى ئەپ قاچالمايدۇ. خىتتاي دائىرىلىرى ھېچ زامان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىپ باققان ئەمەس. ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئىلمىي ئۇتۇقلىرىدىن پەخىرلەنگەن ئۇيغۇرلارغا غايەت زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. بىز ئۇنىڭغا دۇنياغا خىتتايدىكى تەتقىقاتىنىڭ خاراكتېرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشكە چاقىرىق قىلىمىز. ئەگەر ئۇ بۇ مەسىلىدە ئۇقۇشماي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالغان بولسا، ئۇ چوقۇم بۇ ھەمكارلىقلىرىنى تېزدىن توختىتىشى ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ بۇنداق قىلمىسا، ئۇ ئۇيغۇرلارنى خىتتايلار بىلەن قىرىشتا ھەمكارلاشقان بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان خىتتاي دائىرىلىرى ئىشلىتىۋاتقان پەقەت بىر قولايلىق ۋاسىتە سۈپىتىدىكى ئۇيغۇر ئالىمىغا ئايلىنىدۇ.

About admin

Leave a Reply