ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرماقچى بولغانلارغا دىققەت!!!

مىركامىل قەشقەرلى

شۇنچە يىللاردىن بېرى خىتاي شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى قارىلاپ تۈركىيەگە ئەرز قىلىشنى ھېچ توختىتىپ باققىنى يوق. «دائېشقا ۋە .ئاشقۇن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئادەم يوللاۋاتىدۇ» دېگەن ئايىغى ئۈزۈلمەس ئەرزنامىلىرى ۋە بۇنىڭغا كۆرسىىتىلگەن ئويدۇرما دەلىل – پاكىتلار تۈركىيە ئەدلىيەسى تەرىپىدىن ھەر دائىم رەت قىلىنىپ كەلمەكتە.
بۇ ئەرزنامىلىرىنى ئاقتۇرالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپ جەمئىيىتى قانداقلا چاغدا ۋە قانداقلا يەردە نامايىش ۋە كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرسا، شۇ ھامان ئالاقىدار رايوننىڭ ساقچى ئىداىرىلىرىغا «ۋاي، بۇ نامايىشتا كونسۇلخانىغا بومبا ئاتىدىغان پىلانى بار، ئىستىخبارات تاپشۇرۇپ ئالدۇق. ۋاي، شۇ پائالىيەتتە تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلماقچى، قولىمىزىدا ئىشەنچىلىك مەلۇمات بار» دەپ ئەرز سۇنۇشنى خىتاى ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسىغا ۋەزىپە تاپشۇردى. بىراق ھىممىلا قېتىمدا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرى يالغان بولۇپ چىققانسىرى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىمۇ يۈكسىلىشكە باشلىدى. ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە كۈنسىرى دائىرىسى كېىيىۋاتقان قانۇنلۇق پائالىيەتلىرى ھېچقانداق گۇمانغا ئورۇن قويمىدى. شۇڭا تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان ئەڭ ئىشەنچىلىك خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن «ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنساپەرۋەرلىك ياردەم جەمئىيىتى «ئى ھا ھا»غا ئوخشاش بىر قانچىلىغان مۆتىبەر تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
خىتاي يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرىغا پىتنە تېرىپ، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ۋە مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتىنىڭ ئېتىبارىغا ھۇجۇم قىلىشنىمۇ توختىتىپ باققىنى يوق. ئوخشاش بولمىغان چاغلاردا ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار ۋە چارىلەر بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئىكتىيورلىرىنى ئىشقا سېلىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. شۇنى قەتئىي ئەستىن چىقارمايلىكى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تەشكىلاتلارنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش بىلەن ئەمەس، كۈچىگە كۈچ ۋە ھەسسە قوشۇش بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ.
مەن گەرچە ئەزاسى بولمىساممۇ، مائارىپ جەمئىيىتىنى يېقىندىن تونۇغان 14 يىلدىن بېرى، داۋاملىق يېڭىلىنىۋاتقان ياش دېنامىك كۈچى ۋە خادىمىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مۆتىدىل ئىسلامىي ھەرىكەت سېزىقىدىن چىقماي يولىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇم. بۇ ھەرىكەتنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقاد ئېڭىغا ماس ئۆزگىچە ساغلام بىر ئىسلامىي پىكىر ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغاندىنمۇ كۆپرەك كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دائېش ۋە ئاشقۇنلارنىڭ «مۇرتەدلەر جەمئىيىتى» دەپ تۆھمەت قىلىشلىرىغا، ھەتتا ئۆلتۈرۈش بىلەن تەھدىت سېلىشلىرىغا پەرۋاسىز، ئۇيغۇرلارنى ئۇلارغا قېتىلماسلىققا ئاشكارا چاقىرىق قىلىشنى بىر دەممۇ توختاتمىدى. ماشىنىلىرىنىڭ چاقلىرىنى كېسىپ قورقۇتماقچى بولۇشلىرىغىمۇ پىسەنت قىلماي، توغرا ئېتىقادتىن دەرس ئۆتۈشنى شۇنداقلا ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئارقىسى قاراڭغۇ رەزىل سىياسىي ئويۇنلاردىن خەلقىمىزنى ئاگاھلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
ئەكسىچە بولغاندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تا ھازىرغىچە چېدىماسلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىختەك تۈركىيەدە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى (ئىسپات ۋە پاكىتقا ئاساسەن ئەمەس، قۇلىقىغا يەتكۈزۈلگەن پىتنىلەرگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرايدىغان، ئۆپكىسى يوق نۇتۇقۋازلار) ئانچە ياخشى بىلمەسلىكى ياكى بىلىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئەقىل ھۇشى جايىدا، تۈركىيەنى يېقىندىن كۈزىتىدىغان، تۈركىيەنىڭ 600 يىللىق دۆلەت كۈلتۈرى ۋە ئىستىخبارات تەجرىبىسىگە ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھەممىلا ئادەم پىششىق بىلىدۇ.
مەنمۇ تۈركىيەنىڭ رەسمىي دۆلەت مۇخبىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئالاقىدار كۈنتەرتىپلەرنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان پۇخراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە قىلىنىۋاتقان ئاڭسىزلارچە تۆھمەتلەرنىڭ خىتاينى تۈركىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئەرز قىلالىشى ۋە بېسىم ئىشلىتەلىشى ئۈچۈن ياسالما پاكىت بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويماقچىمەن. بۇ ئۇرۇنۇشلار مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئېتىبارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۆھمەت قىلغۇچىلارنىڭ ئېتىبارىنى (خۇددى مېنىڭ قەلبىمدە يەر بىلەن يەكسان قىلغاندەك) ئىككى پۇڭغا ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويغۇسى. مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلماستىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ۋەكىللىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇدىغانلىقىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئوتتۇرا يولدا، ساغلام بىر ئىسلامىي پىكىر ئېقىمى يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئەمدى نۇزۇگۇم فوندىي جەمئىيىتىگە كەلسەك، مىنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىخلاسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۈلگىلىك ياخشى خىزمەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىدا گەپ يوق. مىنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر قېرىندىشىمىز يۈز ئەركىشىگە تېگىشكۈسىز جاسارىتى بىلەن ھەممەيلەننىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان ھەتتا مەنمۇ قايىللىقىمنى ئۆزى يوق، بىر قانچە يەردە، «كاشكى، مىللىتىمىز ئۈچۈن مىنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇردەك ئىخلاسمەن.ھارماي تىرىشىدىغان خانىم قېرىنداشلىرىمىزدىن يەنە بىر قانچە ئونى چىققان بولسا، بۇ داۋانىڭ سەۋىيەسى باشقىچە بولۇپ كېتەتتى» دەپ ئىپادىلىگەن ئىدىم. (ھەتتا بەزى ئاتالمىش رەھبەرلىرىمىزنىڭ تېخى 2 يىل ئىلگىرى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى ماختاپ ماڭا قىلغان سۆزلىرى ھازىرمۇ شۇ پېتى ئېسىمدە) ماڭا ئوخشاشلا بۇ سېڭلىمىزنىڭ مەزكۈر تۆھمەتلەردىن پاك ئىكەنلىكىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە گۇۇۋاھلىق بېرىدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ گۇناھى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى قولىدىن كېلىشىچە قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈنلا جەمئىيەتتىكى بۇزۇق ئاياللارمۇ ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئېغىزىغا ئېلىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان دەرىجىدىكى سېسىق ھاقارەتلەر بىلەن بۇ سېڭلىمىزغا بىلىپ بىلمەي ھۇجۇم قىلغانلارغا ئىنساپ ھىدايەت، سىڭلىمىزغا سەۋىر – تاقەت تېلەيمەن.

About admin

Leave a Reply