تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ھېيتلاشتى

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2 – ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ، ئىستانبۇل ۋاليىلىكى ۋە ئىستانبۇل كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا چوڭ بىر ئىپتارلىشىش پروگرامى ئۆتكۈزۈلدى.  پروگراممىدا سۆز قىلغان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سولايمان سويلۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك خەلقلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىنى قولايلاشتۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىپتار پروگراممىغا، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سولايمان سويلۇ، مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى،  ئىستانبۇل ۋالىيىسى ئالى يەرلىكايا،  تۈركىيە كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرى ئابدۇللاھ ئاياز، ئىستانبۇل شۆبە مۇدىرى رەجەپ باتۇ، ئانادولىيە ئاگېنتلىقى ئىستانبۇل مۇدىرى ھۆسەيىن ئالتۇنئالان، شەرقىي تۈركسىتان  مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدراسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز قاتارلىق شەخسلەر ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 5000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. 

پروگرامىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل تېمىلاردا شېئىرلار دېكىلىماتسىيە قىلدى. كېيىن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ سۆز قىلىپ،  كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بەرگەنلىكىنى ، بۇنىڭدىن كېيىن نۇپۇس ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ ئالدى بىلەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئىپتار پروگراممىدا بالقانلاردىن كاپكاسىيەگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرققىچە كەڭ بىر جۇغراپىيەدە ياشىغان قانداش قېرىنداش تۈرك خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىپتارلىشىش، كۈچلۈك بىر تارىخنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ۋە چوڭقۇر مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ تارىخ بۇ كۈچ ۋە بۇ مەدەنىيەتكە ئىگە چىقىش كېرەك.   تۈرك مىللىتىنىڭ كۆچۈشى تارىختىن بۇيان داۋام قىلدى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. 

مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيە زېمىنىدا تۈرك قانداشلىق بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئورنى بارلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنگىچە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىمى  بۇيرۇققا تەييار تۇرۇش، سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز، ئۇلارنىڭ ئوقۇشى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئوقۇشى ۋە سالامەتلىكىدۇر. پەرزەنتىڭلارنى بۇ دۆلەتتە ئەركىن بىر شەكىلدە ئوقۇتۇڭلار، دۇنيادا قىلىدىغان كۆپ ئىشىمىز دۇنياغا بېرىدىغان كۈچلۈك تۈركىيە ۋە قېرىنداشلىق سىگىنالىمىز بار، ۋەتەنداشلىق مەسىلىسىدە بىزنىڭ قارىشىمىز سىلەرنىڭ قارىشىڭلارغا ئوخشاش، ھېچ قاچان ئەندىشە قىلماڭلار، بۇ مەسىلىدە قولىمىزدا بار بولغان پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى سىلەرنىڭ پايداڭلار ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇ يۇرتلاردا قېرىنداش بولۇپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەندىشى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن كەلگۈسىگە قەدەم باسىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن.

مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ، ئۇ تۈرك سېستمىسىدىكى خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىقامەت رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى ۋە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش شەرتلىرىنىڭ قانۇن چىقرىش ئارقىلىق يېنىكلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى؛ بۈگۈن تۈركىيەدە ئاھېسكا تۈركلىرى، ئۇيغۇر تۈركلىرى، بۇلغار تۈركلىرى، غەربىي تىرياكىيە تۈركلىرى، ئىراق تۈركمەنلىرى، ئافغانىستان ئۆزبەكلىرى ۋە تۈركمەنلىرى ۋە باشقا تۈرك سېستىمىدىكى قانداش خەلقلەردىن ھازىرغىچە 89 مىڭ 951 كىشىگە ئىنسانىي ئىقامەت رۇخسىتى ، 57 مىڭ 902 كىشىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت رۇخسىتى بېرىلدى. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئولتۇراقلىشىشى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش روخسىتى، ساغلىق خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىش ئىجتىمائىي كاپالەتلىك مەسىلىلىرى ۋە تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل بولۇشنىڭ يوللىرى قانۇنىي جەھەتتىن ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بىۋاستە ھەل قىلالايدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىلدى، ئىشىكىمىز ۋە قەلبىمىز سىلەر ئۈچۈن 24 سائەت ئۇچۇقتۇر، ھەرگىزمۇ كەمچىللىك ھېس قىلمىغايسىلەر، كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسى سىلەر ئۈچۈن خىزمەتكە تەييار، ».

ئىپتار پروگراممادا  يەنە ئىستانبۇل ۋالىيسى ئالى يەرلىكايا ئەپەندى سۆز قىلىپ ، 15 مىڭ 344 نەپەر قانداش قېرىنداشلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت روخسىتى بەرگەنلىكىنى، ئاخىرقى ئىككى ئاي ئىچىدە يەنە 2450 نەپەر كىشىنىڭ ئۈزۈن مۇددەتلىك ئىقامەت ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى،  كۆچمەن ئىشىلىرى ئىدارىسى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ،  ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتلەرنى ئۈچ ئايدا ئىچىدە بېجىرىپ بولۇش ئۈچۈن قارار ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈزۈن مۇددەتلىك ئىقامەت ئالغان 15 مىڭ 344 كىشىدىن قانچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن ۋالىي يەرلىكايا ئەپەندى 1245 نەپەر ئۇيغۇرغا ئىنسانىي ئىقامەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋالىيى ئالى يەرلىكايا ئەپەندى بۇنچىۋالا كۆپ كىشىگە ئىقامەت بېرىشنىڭ ئۇلارغا تارىخى ھەقىقەتنى ئەسلەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە پاناھلىنىدىغان قورغاندۇر، تۈركىيە ئۇمىدۋارلىق، تىنچلىق ۋادىسىدۇر، تۈركىيە نوھنىڭ كېمىسىدۇر، مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر، دېدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۆتكەن يىلى روزا ھېيتنى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 6000 ئۇيغۇر قاتناشقان چوڭ يىغىلىشتا مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 بىز بۇ ئىپتار پروگراممى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىچكى ئىشلار منىستىرى سۇلايمان سويلى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشپ، ئۇيغۇرلارغا ۋەتەنداشلىق بېرىش، ئىقامەت ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش، دوختۇرخانىدا ھەقسىز داۋالىنىش، ئىقامىتى تېخى چىقىمىغان ئۇيغۇر پەرزەتنلىرىنى مەكتەپلەرگە مېھمان سۈپىتىدە ئەمەس رەسمى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش دېگەندەك بىر قانچە تەلەپلەر يېزىلغان ئىلتىماسنى سۇندى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئارسلان

ئارسلان

About admin

Leave a Reply