ئىستانبۇلدا 3000 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ روزا ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

روزا ھېيت يېتىپ كېلىش بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. 5 – ئاينىڭ 6 – كۈنى يەنى روزا ھېيتنىڭ ئىككىنجى كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن 3000 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاۋجىلار دېڭىز بويىدىكى چىملىق مەيدانغا جەم بولۇپ روزا ھېيىتلىق ھەر خىل پائالىيەت ئېلىپ باردى.

بۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرى دىنى ئالىملار ۋە خەلق ئاممىسىدىن ئەر – ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ 3000 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە جەم بولۇپ بىرلىكتە ھېيتلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يەرگە يىغىلىشىمىزنىڭ مەقسىتى، بىر كۈن بولسىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ۋە غۇربەتتىكى بۇ ھاياتنى بىر كۈن بولسىمۇ كۆڭۈل سۇ ئىچىدىغان نوقتىغا كەلتۈرۈش. ئۇچرىشىش، سۆھبەتلىشىش، تونۇشۇش بۈگۈنكى بۇ بايرامنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن مانا بۈگۈن جەم بولۇپ ئۇچرىشىشپ بىرلىكتە ئولتۇرۇپ يەپ – ئىچىپ سۆھبەتلىشىپ ، خاتالىق بولسا كەچۈرۈش قىلىشىپ ئۆتكۈزىۋاتىمىز. دوستلىقىمىز، قېرىنداشلىقىمىزنى ئاچا – سىڭىل، ئاكا – ئوكىلىق رىشتىمىزنى ، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىق كارۋاننى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش مەقسەتتە بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. بىزنىڭ بۇ بىرلىكىمىز مەنىۋېيىتىمىزنى بىيىتىپلا قالماستىن دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قەلبىگە زەربە ئۇرىدۇ. بىزنىڭ چوڭلىرىمىز ۋە ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق جەم بولۇپ پىكىرلىشىپ، سۆھبەتلىشىپ قۇچاقلىشىپ بىرلىك مەشرەپنى شەكىللەندۈرگەنلىكتىن  بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىزمۇ يۈرىكىگە خەنجەر سانجىلغاندەك ھېس قىلىدۇ».

 كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى ۋە بىرلىك – باراۋەرلىككە چاقرىق قىلدى.

يىغىندا يەنە دىنى ئالىم نىياز داموللام سۆز قىلىپ روزا ھېيتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇھاجىرەتتىكى مۇساپىرلىق ھاياتتا بۇ خىل كۆپ ساندا كىشىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ بىرلىكتە ھېيتلىشىشتىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

كېيىن شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك باراۋەرلىكىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. پائالىيەتتە يەنە  مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇراخمان قەشقەرىي ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشنىڭ بىردىن بىر يولىنىڭ ھېسسىياتقا بېرىلمەستىن ، ئەقىل – تەپەككۇر بىلەن پىلان تۈزۈپ،  ئەمەلىي خىزمەتكە ئاتىلىنىپ تىرىشچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلدى.

پائالىيەتتە سۆز قىلغۇچىلارنى پائالىيەتكە قاتناشقان خەلق ئاممىسى قىزغىن ئالقىشلىدى.

پائالىيەت جەرىيانىدا ئۆسمۈرلار «ئانا تىلىم» دېگەندەك ھەر خىل تېمىلاردا شېئىرلار ئوقۇدى. ئاخىرىدا چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى چېلىشىش مۇسابىقىسىنى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە كۆردى.

ئىگەللىنىشچە، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرلىك – باراۋەرلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھېيت – بايرام كۈنلىرىدە مۇشۇ خىلدىكى چوڭ تىپتا ھەر خىل يىغىلىش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن  ئۆتكەن يىلىدىكى روزا ھېيتتىمۇ 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ بىرلىكتە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى: ئارسلان

ئارسلان

About admin

Leave a Reply