«كەلگۈسى 10 يىل» ناملىق كىتابتا خىتاينىڭ كەلگۈسىدە چوڭ بىر كرىزىستقا دۈچ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

«كەلگۈسى 10 يىل» ناملىق كىتاب پەگاسۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئامېرىكىلىق ئانالىزچى جورج فرېدمېن يازغان بولۇپ، تايفۇن تۆرۈنەر ئىسىملىك كىشى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان. بۇ كىتابنىڭ تاشقى مۇقاۋىسىغا «قەيەردە ئىدۇق، قەيەرگە كېتىۋاتىمىز» دەپ قوشۇمچە نام يېزىلغان.

«كەلگۈسى 10 يىل» ناملىق كىتابتا خىتاي خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋەزىيەتلەر توغرىسىدا توختالغان ۋە خىتاينىڭ ئۇپۇقتا كۆرۈنگەن چوڭ بىر كرىزىستقا دۈچ كېلىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

319 بەتلىك بۇ كىتابتا كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە دۇنيادا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بەزى مۇھىم پىكىر – قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ كىتابتا، جورج فرېدمېن ھەم ئاخبارات ساھەسىدە، ھەم ئاكادېمىك ۋە سىياسى ساھەلەردە ئوتتۇرىغا قويغان تارىخى مەلۇماتلىرى، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلىرى ۋە ئانالىزلىرى بىلەن كەلگۈسىدىكى 10 يىلدا دۇنيادا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مۇھىم ۋەقەلەر ۋە مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنىدۇ. 

جورج فرېدمېن بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان «كەلگۈسى 100 يىل» دېگەن كىتابىدا، خىتاينىڭ كەڭ تۈردە ۋە ھەر تەرەپلىمە بىر ئىچكى كرىزىستقا دۈچ كېلىدىغانلىقىنى ۋە 2020 – يىلىغىچە پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، «كەلگۈسى 10 يىل» ناملىق كىتابتىمۇ خىتاي خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋەزىيەتلەر توغرىسىدا توختالغان ۋە خىتاينىڭ چوڭ بىر كرىزىستقا دۈچ كېلىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

جورج فرېدمېن بۇ كىتابتا كەلگۈسىدىكى10 يىل ئىچىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ھەيران قالارلىق پەرەز ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۆتمۈشتىكى 100 يىلنىڭ تارىخىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ. 

بۇ كىتابتا، دۇنيا ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگىرىشى، ئامېرىكا بىلەن ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشى، ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتلەر، رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشى شۇنداقلا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتلەر، خىتاي بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقى ۋە رىقابىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان. 

كەلگۈسى 10 يىلدا خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ئۆزگىرىدۇ 

كىتابتا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «30 يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن قالسىلا ئىككىنچى قاتاردا بولدى. ئامېرىكا بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن پايدىلىق مۇناسىۋەت يۈرگۈزۈپ رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كەلدى، ئەمما كەلگۈسى 10 يىلدا بۇ مۇناسىۋەتلەر ئۆزگىرىدۇ. ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ، خىتاي ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋە دۇنيا سودا بازارلىرىغا كىرىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە ئېھتىياجلىق بولغان تەقدىردە، خىتايدا دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتىنى كىسىپ تاشلىيالمايدىغان چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەر يىلتىز تارتىدۇ. 

خىتاي كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئاشۇرۇشتىن كۆپرەك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ 

كىتابتا يەنە كەلگۈسى 10 يىلدا خىتاي ۋە ياپونىيىنىڭ ئاسىيادا بىرىنچى كۈچ بولالمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ئىقتىسادى كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن بەكرەك بىخەتەرلىك بىلەن مەشغۇل بولىدىغانىلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېيىلگەن : كەلگۈسى 10 يىلدا خىتايمۇ ۋە ياپونىيىمۇ ئاسىيادىكى بىرىنچى كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقالمايدۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى مۆجىزلىرىمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە خىتاي تىز تەرەققىي قىلىشنىڭ ئورنىغا مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ياپونىيە كۈچىنى ئاشۇرغانسېرى دېڭىز ئارمىيىسىنىمۇ كۈچلەندۈرۈش كېرەك بولىدۇ. دېڭىز كۈچىنىڭ ئېشىشىغا قارشى چىقىش ئامېرىكىنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرى، ئەمما ئامېرىكا بۇ مەسىلە سەۋەبىدىن ياپونىيە بىلەن 1941 – يىلدىكىگە ئوخشاش ئۇرۇش قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە خىرسلىق بىر ياپونىيە بىلەن ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن بىر ئىستىراتېگىيە تۈزۈش كېرەك بولىدۇ. ياپونىيىگە نىسبەتەن ئامېرىكا ئىستىراتېـگىيىسىنىڭ تۈنجى قەدىمىدە خىتاينىڭ پارچىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك بولىدۇ. چۈنكى خىتاي قانچىلىك ئاجىزلىسا ياپونىيە شۈنچىلىك ھەرىكەت قىلىشتا ئەركىن بولىدۇ. ياپونىيە كۈچلۈك بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقسا، خىتاي ئاجىزلىسا كورىيەلىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا ھازىرقىدىن كۆپ ئېھتىياجى بولىدۇ. ئەلۋەتتە كورىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى مەۋجۇت، شۇ سەۋەبتىن بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كەڭ تۈرلۈك ئېلىپ بارغاندا، ياپونىيە ۋە خىتاي ئۈچۈن جىددىي بىر مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشتىن باشقا چارىسى قالمايدۇ 

كىتابتا كەلگۈسى 10 يىل جەريانىدا خىتاي دۈچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق يېزىلغان: كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا چارىسى قالمايدۇ. كەلگۈسى 10 يىلدا تەكىتلەشكە تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، خىتاي ئىچكى مەسىلىلىرى بىلەن قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ، رەقىپ كۈچلەر بىلەن تەڭ تۇرۇش ئۈچۈن دىققەت بىلەن خىزمەت ئىشلەيدۇ. كەلگۈسى 10 يىلدا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى خىتاي ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن ئۇزاقلاشتۇرالمايدۇ. ياپونىيە ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ نىيەت – مەقسەتلىرىگە قاتتىق گۇمان بىلەن قارايدۇ. 

كىتابنىڭ ئاپتورى جورج فرېدمېن دۇنياغا مەشھۇر خۇسۇسى ئىستىخبارات شىركىتى STRATFOR شېركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئانالىزچىسى. ئاخباراتچى دەپ تونۇلغان جورج فرېدمېننىڭ «كەلگۈسى 100 يىل» قاتارلىق ئالتە پارچە كىتابى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك، گىئوپولىتىك ۋە ئىستىخبارات ساھەلەردە يېزىلغان كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. 

تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلىمىت ئاۋشار بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھازىرقى ھاكىمىيەتنى قانداق ئېلىپ مېڭىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە بايلار ئوتتۇرىسدىكى ئىقتسادى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمىغان ۋە ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى باراۋەرلىك ئىچىدە ھەل قىلالمىغان تەقدىردە، ھاكىمىيەت خەلقنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى ۋە ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

About admin