پائالىيەتلەر

خىتاي ئىشغالىنىڭ 63-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي ئىشغالىنىڭ 63-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» نام ئاستىدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

istanbulda-namayish-1-oktebir-2-385.jpg
ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 30-سېنتەبىر.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دوستلىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار، «شەرقىي تۈركىستان 63 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىشغال ئاستىدا»، «شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 63-يىلىغا لەنەت ئوقۇيمىز»، دېگەنگە ئوخشاش چوڭ ھەجىمدە خەتلەر يېزىلغان پىلاكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېقىنلاپ كەلدى. نامايىشچىلار كونسۇلخانا ئالدىدا قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە پىلاكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال!»، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان»، «تۈركىيە ئۇخلىما قېرىنداشلىرىڭغا ساھىب چىق»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى. نامايىشچىلار خىتاينىڭ 2 دانە بايرىقىغا ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

istanbulda-namayish-1-oktebir-385.jpg
ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 30-سېنتەبىر.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان «ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى» گە ۋاكالىتەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىغا قارشى يېزىلغان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى شان-شەرەپ بىلەن داۋام قىلغان شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى رۇس ۋە خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ۋە سۇيىقەستلىرى نەتىجىسىدە قانۇنلۇق دۆلىتىمىز خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. مەكتەپلەرنى تاقاپ خەلقىمىزنى نادان قالدۇرۇش، ئانا تىلىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى بۇزۇپ يوق قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللاندى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئەرەب باھارىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشارەت بېرىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىغا كەڭ تارقالغان ئازادلىق نىدالىرى ۋە كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان باھار شامىلى شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىغىمۇ تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەقىقەت خىتاينى چوڭقۇر ساراسىمىگە سالماقتا.

نامايىش جەريانىدا يەنە ئىستانبۇلدىكى ۋەتەنپەرۋەر پېشقەدەم ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئاخىرىدا نامايىشچىلاردىن 5 كىشى نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. قارا چەمبىرەك ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستانلىقلار دېگەن چوڭ ھەجىملىك خەت قىزىل رەڭدە يېزىلغان بولۇپ، قارا چەمبىرەك قويۇش تۈركىيىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنى ئەيىبلەيدىغانلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button