خەۋەرلەر

قەشقەردە كىتاپخانىلارغا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىرىش چەكلەندى

قەشقەردە كىتاپخانىلارغا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىرىش چەكلەندى

2013 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك كىتاپخانىسى ئوقتۇرۇش چىقىرىپ، رومال ئارتقان، چۈمبەردە تاقىغان، ياغلىق ئارتقان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كۈتۈپخانىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويغان.

بۇ ئوقتۇرۇشنى كۈتۈپخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا چاپلاپ قويغان.

شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىۋالغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەر قايسى شەھەر رايونلىرىدا بۇ خىل ئوقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئاياللارنى قاتتىق ھاقارەت قىلماقتا. ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا. دىنى ئەركىنلىككە چەكلىمە قويماقتا. خىتاينىڭ قانۇنىدا ھەر كىمنى دىنى ئەركىنلىك ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ئۆزلىرى چىقارغان قانۇنغا رىئايە قىلماي، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دىنى بېسىمنى كۈچەيتمەكتە.

 

خىتايلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ خىل ئوقتۇرۇشلارنى ئاپتۇۋۇز بېكىتى، تاللا بازىرى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا چاپلاپ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىرىشنى چەكلىگەن ئىدى.

 

خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغىلا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى دۇنيادا 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئىنسان ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنىڭ ئۈچۈن يوق بولۇشى كېرەك. شەرقىي تۈركسىتان ئازاد، ھۆر، مۇستەقىل بولمىغىچە ئۇيغۇرلار بۇ خىل زۇلۇملاردىن خالى بولالمايدۇ.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close