خەۋەرلەر

شەرقى تۈركىستاندا ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە ئىرقچىلىق ناملىق كىتاپ نەشىردىن چىقتى

شەرقى تۈركىستاندا ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە ئىرقچىلىق ناملىق كىتاپ نەشىردىن چىقتى

 

شەرقى تۈركىستاندا ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە ئىرقچىلىق ناملىق كىتاپ يېقىندا ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى.

 

بۇ  كىتابنى ئامىنە تونا خانىم تۈرك تىلىدا يازغان بولۇپ،  ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئۇ كىتابتا شەرقى تۈركىستاندا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە ئىرقچىلىق سىياسىتى دەلىل – ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

 

خىتاي ئىشغالچىلىرى ، شەرقى تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان ھەر خىل شۇئارلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقى نامىدا ئۇيغۇرلارنى بېسىپ، خىتايلارغا ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بېرىشتەك ئىرقچىلىق سىياسەتلىرىنى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە، شەرقى تۈركىستاننىڭ جۇغراپى ، سىياسى ، ئىقتىسادى، تارىخى ئەسەرلىرى، ئېتىقادى، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي قاتارلىق پۈتۈن ساھەدىكى ھەق – ھوقۇقلىرى تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئاياغ – ئاستى قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاپتور بۇ كىتابى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولسۇزلىقىنى تەپسىلى ۋە ئىخچام شەكىلدە يازغان.

 


مەزكۇر كىتاپ ئالتە بۆلەك ۋە بىر قانچە زىيارەت خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر بۆلەك ئايرىم – ئايرىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن:
1- بۆلۈمدە شەرقى تۈركىستاننىڭ  ئومۇمىي مەلۇماتلىرى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئالاھىدلىكلىرى، جۇغراپىيە ئالاھىدىلىكلىرى، ئىقتىسادى ئەھۋالى، نوپۇسى ، تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

 


2- بۆلۈمدە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە بولغان ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازادلىى، سىياسى تارىخى ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، شەرقى تۈركىستاندا قۇرۇلغان دۆلەتلەر، دەسلەپكى خىتاي ئىستىلاسى ، ئىسيانلار يۈز بەرگەن يۈز يىل، ياقۇپ بەگ دۆلىتى، ئاسىيانى پارچىلىغان چوڭ ئويۇن ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق خىتاي ئىستىلاسى، مانجۇ ئىمپىراتۇرلىقىدىن كىيىن ، بىرىنچى قېتىم قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، رۇس سىرتمىقى ، ئىككىنچى قېتىم قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، 1949- يىلىدىن بىرى ھازىرغىچە شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دەۋرى، خىتاي كۆچمەنلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىشغالغا قارشى ئىنقىلاب كۈرىشى، يېڭى سىياسەت ئەسكىرى لاگېر بىڭتۇەن، چوڭ ئىلگىرىلەش ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى، ماۋدىن كىيىنكى يېڭى پىلان ۋە شەرقى تۈركىستاندا كوممۇنىست پارتىيىسى ئىشغالىغا قارشى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، تىرورىزىم، ئىرقچىلىق ۋە ئىدىئولوگىيە توقۇنۇشى، ، 1990 – يىلىدىكى بارىن جىھادى، 1995 – يىلىدىكى خوتەن ۋەقەسى، 1997- يىلىدىكى غولجا ۋەقەسى، 2008- يىلىدىكى بېيجىڭ خەلقارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى، 2009- يىلىدىكى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى، شەرقى تۈركىستاندا تەشكىللىنىش ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى، 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىنكى شەرقى تۈركىستان، خىتاي تاشقى سىياسىتىدە شەرقى تۈركىستان قاتارلىق مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلغان.

 

3- بۆلۈمدە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.
4- بۆلۈمدە شەرقى تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى، تىل ۋە تەلىم – تەربىيە چەكلىمىلىرى، پىلانلىق تۇغۇت ۋە مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈۋېتىش، ئىسكەنجە ۋە ئۆلۈم جازالىرى، ئىقتىسادى ئىگىلىكىدىن چەتكە قېقىلىش، نەشرىيات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى، ئىتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكى، ئاتوم يادرو سىناقلىرى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشلىرى، نۇپۇس يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنغان.

 

5- بۆلۈمدە شەرقى تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
6- بۆلۈمى خۇلاسە سۆز بىلەن تاماملانغان.

 

كىتاپ ئاخىرىدا ئىككى قۇشۇمچە مەزمۇن بايان قىلىنغان :

 

بىرىنچى قۇشۇمچىدا ، چەتئەلدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت خاتىرىسى زىكىر قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئۇغۇزخاننىڭ “ تۈركىيەنىڭ بىر شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى يوق“ دېگەن ھەقتىكى سۆھبىتى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ، جەمئىيەتشۇناس ئەنۋەر ھەسەن قاتارلىقلارنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى قىسقىچە بايان قىلىنغان.

 

ئىككىنچى قۇشۇمچىدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە ئاساسى مەلۇماتلار، يىلنامەشۈناسلىق ۋە ياكى مۇھىم ۋەقەلەر تىزىملىكى، پايدىلانغان ماتېرىياللار مەنبەلىرى ۋە شەرقى تۈركىستان ۋە خىتاي مەدەنىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەت ئەلبوملىرى كىرگۈزۈلگەن.

 

تۈۋەندە شۇ كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن سۈرەتلەردىن بىر قانچە كۆرۈنۈش

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close