خەۋەرلەر

دۇنيا بويىچە ئىنتېرنېت ئارقىلىق پۇقرالىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىدىغان دۆلەتلەر خىتاي، ئىران ۋە سۈرىيە

 

دۇنيا بويىچە ئىنتېرنېت ئارقىلىق پۇقرالىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىدىغان دۆلەتلەر خىتاي، ئىران ۋە سۈرىيە

 

ئىنتېرنېت دۇنياسى خەلقارا جەمئىيىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئايلانغان بىر ۋاقىتتا ، بەزى دۆلەتلەر پۇقرالىرىنى يېقىندىن نازارەت قىلىش ۋە دائىم كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىنتىرنىتنى ئامالىنىڭ يېتىشىچە ئىشقا سېلىپ كەلمەكتە.
ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن تونۇلغان، خەلقارا چېگرا ئايرىمىغان ئاخباراتچىلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئەڭ قاتتىق نازارەت ۋە كۆزىتىش ئېلىپ بارىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكى “ ئىنتېرنېت دۈشمەنلىرى“ ناملىق دوكلاتتا ئىلان قىلىندى.
چېگرا ئايرىمىغان ئاخباراتچىلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان دوكلاتتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئۆز پۇقراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىدىغان ۋە كۈزىتىپ تۇرىدىغان دۆلەتلەر تەرتىپ بويىچە خىتاي، ئىران ، سۈرىيە ، بەھرەين ۋە ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىزدەش ئىشى بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغان ئايرىم بەش شىركەتنىڭ ئىسمىمۇ خەلقارا جامائەتكە ئىلان قىلىندى.

 

 

 

خىتايدا ئىنتىرنىتقا كىرمەكچى بولغانلار كىملىك كىنىشكىسىنىىڭ نومۇرى بىلەن كىرىدۇ

 

دوكلاتقا قارىغاندا، 564 مىليون كىشى ئىنتېرنېت ئىشلىتىدىغان خىتايدا، ئىنتېرنېت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قەيەردە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى دۆلەت بىلەن ، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەن . 
خىتايدا ھەر رايوندىكى ھەر بىر ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى سابىت بىر
IP ئادىرىسىغا چېتىشلىق بولۇپ، ئىنتىرنىتقا كىرمەكچى بولغانلار كىملىك كىنىشكىسىنىڭ نومۇرىنى كىرگۈزمەي ئىنتىرنىتقا كىرەلمەيدۇ. بۇ سىستېما ئارقىلىق ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىتىش جەريانىدىكى پائالىيەتلىرى ئۇ شەخىسنىڭ IP ئادرېسى ئارقىلىق تىزىملىنىپ تۇرىدۇ. ئىنتېرنېت سىستېمىسىدا، خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈن ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنى ئىزلىگەنلىكى ۋە كۆزەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

 

دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ، تۇنىس ۋە مىسىرغا ئوخشاش خەلق قوزغىلىڭى يۈز بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ تەكشۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن

 

خىتاي تارىخىدا بىرىنچى قېتىم نوبىل مۇكاپاتى مېدالىغا لايىق كۆرۈلگەن ۋە ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىسى دەپ تۇنۇلغان ئاكتىپ پائالىيەتچى خىتاي لىيۇ شىياۋبو ئىلگىرى ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە ماقالە يازغانلىقى سەۋەپلىك 11 يىلدىن بىرى قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان تەكشۈرۈپ سۈزۈش ھەرىكىتىدە، شىياۋبونىڭ ئىسمىمۇ تەكشۈرۈلىدىغان سۆزلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان پائالىيەتچىگە ياردەمدە بولغان 40 نەپەر باشقا كىشىمۇ ئوخشاش سەۋەپ بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ.
دوكلاتتا يەنە، خىتايدا ئىنسانلارنىڭ ئەركىن ماقالە يازالايدىغان ۋە ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بلوگ سەھىپىلىرىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىگى، ئىنكاس يازغان ۋە ياكى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرمۇ 30 نەپەر مۇخبىر ۋە 69 نەپەر ئىنتېرنېت خىزمىتى ئېلىپ بارغانلارنىڭ تۈرمىگە سۇلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ۋە ئاستىغا سىزىق تارتىپ قويۇلغان.

 

دوكلاتتا يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارشى ئىجرا قىلغان سىياسەتلىرى، بۇ رايونلاردىكى كوممۇنىست دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈپ سۈزۈش سىستىمىلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق تور بەتلىرىنى چەكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

 

ئىراندا دېموكراتىيە چاقىرىقى چەكلىنىدۇ

 

ئىراندا 28 مىليون ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دوكلاتتا، ئىراننىڭ دۇنيا بويىچە ئىنتېرنېت سۈرئىتى تەرتىپىدە 176- ئۇرۇندا تۇرىدىغانلىقىغا قارىماي، ئەڭ كۆپ ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى بار دۆلەتلەر ئارىسىدا 16- ئورۇننى ئىگەللىگەنلىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىرىلگەن.
ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى پۈتۈنلەي كونترول قىلماقچى بولغانلىقىغا رەددىيە بېرىپ، ئىراننىڭ ئۆزىگە خاس تازىلاش سىستېمىسى ئىشلەتكەنلىكى، ئىران خەلقنىڭ، سۈرىيە، مىسىر ۋە تۇنىسقا ئوخشاش دۆلەتلەردىن تەسىرلىنىپ قوزغىلاڭ قىلماسلىقى ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى ۋە دېموكراتىيە سۆزىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 

دوكلاتقا قارىغاندا، ئىراندا قانداق بىر جامائەت شەكلىدە مەسىلە سىزىلىپ قالسا، ئىنتىرنىتنىڭ تىزلىك سۈرئىتى تېخىمۇ ئاستىلىتىلىدىكەن ۋە تېلېفۇن لىنىيىلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىشكە ئۇچرايدىكەن.

 

ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ، ئىنتېرنېت تەكشۇرۇشلىرىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن ”ئىنتېرنېت ئارمىيىسى“ تەشكىللىگەنلىك داۋاسىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاخباراتچىلار تەشكىلاتى، ئىراننىڭ يەرلىك بىر تازىلاش سىستېمىسى تەشكىللەپ، تەكشۈرۈشكە ماقۇل بولمىغانلارغا جازا توختىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاخباراتچىلار تەشكىلاتى يەنە، تەكشۈرۈشكە قارشى پروگراممىلىرىنىڭ ئىراندا سېتىلىشىنى توختاتقانلىقىنىمۇ ئۇقتۇردى.

 

سۈرىيە ھەر بىر ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى نازارەت قىلىنىدۇ

 

چېگرا ئايرىمىغان ئاخباراتچىلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، سۈرىيەدىكى 5 مىليون ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسىنىڭ پۈتۈنلەي ھۆكۈمەت كونتروللىقى ئاستىدا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرمۇ ئىنتېرنېت نازارىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ھازىرغىچە خەلق قوزغىلىڭىغا قارشى پۇت تىرەپ تۇرىشىغا سەۋەپ بولغانلىقى، شۇ سەۋەپلىك ئىنتېرنېت بىلوگ سەھىپىلىرى ۋە فىس بۇكقا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئۇچۇر – ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭمۇ تاقالغانلىقىغا ئېتىبار بىرىلگەن.

 

بەششار ئەسەدنىڭ ئايالى ئەسما ئەسەدنىڭمۇ ئىلگىرى فىس بوك ئادىرىسى بولغانلىقىنى خاتىرلەتكەن دوكلاتتا، يۇتۇبە ۋە ۋىكىپېدىيا ئەرەب ئىنتېرنېت سەھىرىپىلىرىنىڭمۇ 2007 – يىلىدىن بىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە، بەزى خەلق قوزغىلىڭى يۈز بەرگەن بەھرەين بىلەن ئىقتىسادى ۋە سىياسى نۇقتىدا ۋاقىتلىق تور چەكلەش مەسىلىسى كۆرۈلۈۋاتقان ۋېيتناممۇ زىكىر قىلىنغان.

 

ئىنتىرنىتنى كۆزەتكۈچى شىركەتلەرمۇ ئۇقتۇرۇلدى

 

ئاخباراتچىلار تەشكىلاتى، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنى نازارەت قىلىش ۋە ئىزدەپ تېپىش مەقسىتىدە تېخنىكا ئەسۋابلىرىنى ساتقان ۋە ياكى خىزمەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان پەرقلىق 5 شىركەتنىمۇ بۇ يىلقى “ ئىنتېرنېت دۈشمەنلىرى “ تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ لىۋىيەدە قەززافىغا ئىنتېرنېت جاسۇسى پروگراممىسى ياسىغانلىقى، بەزى دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىگە كۆزىتىش ئەسۋابلىرىنى بەرگەنگە ئوخشاش ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

 

مۇخبىر: ئەركان ئاۋجى

 

تەرجىمىدە : مۇسلىم

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close