پائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرى ئەنقەرەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى

 

جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرى ئەنقەرەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى

2013 ‏- يىلى ‏3 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ باشچلىقىدا جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان 3 كىشىلىك بىر ھەيئەت ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىپ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى.

 ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى3 كىشىلىك ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيەئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پروفېسسۇر مۇستافا شەنتوپ ۋە ئوسمان ئەپەندى قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچراشتى.

 

ھەيئەت ئالدى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پروفېسسۇر مۇستافا شەنتوپ، ئوسمان ئەپەندى قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئىشخانىسىدا ئايرىم – ئايرىم ئۇچراشتى.

 ھەيئەت ئالدى بىلەن پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان ئەپەندى بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچراشتى. بۇ ئۇچرۇشۇشتا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكىلات بەردى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلسى توغرىسىدا تەييارلانغان كىتاب – ژۇرنال ۋە دوكىلاتنى تەقدىم قىلدى.

 پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

 ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت كېيىن پارلامېنت ئەزاسى شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ ئۇچرۇشۇشتا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلسى توغرىسىدا تەييارلانغان كىتاب – ژۇرنال ۋە دوكىلاتنى تەقدىم قىلدى.

 ئىككى تەرەپ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان بىر قىسىم خىزمەت – پىلانلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

 ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق، » تۈركىيە سىرتىدىكى قېرىنداش تۈرك خەلقلەر ئىشلىرى« ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپبۇ ئىدارىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى رامىزان ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى ۋە قانىغان يارىسى دەپ قارىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

 جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ھەيئەت ئەنقەرە زىيارىتى جەرىيانىدا يەنە بىر قانچە مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلدى ۋە ياخشى نەتىجە بىلەن زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىستانبۇلغا قايتتى.

 شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

 

 

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close