خەۋەرلەر

مۇجاھىد قەشقەرلى باش مىنىستىرنى ھاياجانغا سالدى

 

ئۇيغۇر مۇجاھىد باش مىنىستىرنى ھاياجانغا سالدى

بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەر رايونلىرىدا 18 مارت چاناققەلئە غەلبىسىنىڭ 98‏- يىلىنى تەبرىكلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلمەكتە.

چاناققەلئە شەھىدلەر قەبرىستانلىقىدىكى مەيداندا، چاناققەلئە دېڭىز ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 98 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھىدلەرنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا تۈركىيىنىڭ باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان قاتارلىق كۆپ ساندا مىنىستىرلەر، ھەر قايسى سىياسى پارتىيە ۋەكىللىرى، ھەربىي گېنىرال، شەھىد ئائىلىرى ۋە مۇھىم شەخسلەر بولۇپ 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ مۇراسىمدا ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىد قەشقەرلى، تۈركىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى مەھمەت ئاكىپ ئەرسوينىڭ چاناققەلئە دېگەن شېئىرىنى جاراڭلىق دېكىلىماتىسىيە قىلىپ يىغىن ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى. شەھىد ئائىلىرى، ۋە بىر قىسىم مىنىستىرلار ھاياجاندىن كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.

مۇجاھىد قەشقەرلى سەھنىگە چىقىپ ئەسسالام ئەلەيكۇم، قېرىنداش تۇپراقتىن سالام ئېلىپ كەلدىم، دېيىش بىلەن يىغىن ئەھلى چاۋاك ۋە قىزغىن ئالقىش بىلەن قارشىلىدى.

مۇجاھىد قەشقەرلى شېئىرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ قولىنى سۆيۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە باش مىنىستىرنىڭ يېنىغا باردى، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان ئورنىدىن تۇرۇپ مۇجاھىد قەشقەرلىنى قارشى ئالدى. مۇجاھىد قەشقەرلى باش مىنىستىرنىڭ قولىنى سويدى، باش مىنىستىرمۇ مۇجاھىدنىڭ يۈزىگە سۆيدى ۋە ئىككىسى بىر ئاز سۆھبەت قىلدى. مۇجاھىد قەشقەرلى يانجۇقىدىن بىر پارچە قەغەزنى چىقىرىپ باش مىنىستىرغا سۇندى. باش مىنىستىر قەغەزنى ئېلىپ بىر نەرسىلەر دىېدى ۋە يانجۇقىغا سالدى. ئۇ قەغەزدە نېمىلەر يېزىلغان بۇ بىر سىر بولۇپ يانجۇققا كىرىپ كەتتى.

 http://www.youtube.com/watch?v=-jtSRMW-EHE&feature=youtu.be

ئاللاھ پەرزەنتىمىز مۇجاھىد قەشقەرلىنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلغاي، ئەقىل، زېھنىنى تېخىمۇ ئۇچۇق قىلغاي.

مۇسا بايتاش

.

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close