«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى»نىڭ جاسۇسلار مەسلىسىدىكى باياناتى

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى»نىڭ

جاسۇسلار مەسلىسىدىكى باياناتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

            ئالدى بىلەن بىزدەك غېرىپ-مۇساپىر بەندىلىرىنى مۇھاجېرەتتىكى نېئمەتلىرى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىپ كېلىۋاتقان جانابى ئاللاھقا چەكسىز ھەمد-سانالار ئېيتىمىز. ئاندىن دۇچ كېلىۋاتقان قان-ياشلىق قېسمەتلىرىمىزدە بىزلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ – پاناھلىق بېرىۋاتقان گوللاندىيە ھۆكۈمېتىگىمۇ تەشەككۈرلىرىمىزنى بىلدۈرۈمىز.

            مەقسەتكە كەلسەك:

            2013‏-يىلى 14 ۋە 15‏- مارت كۈنلىرى گوللاندىيە ئاخپارات ۋاستىلىرىدا، ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنىڭ مەلۇماتلىرىنى خىتايغا بەرگەنلىكى سەۋەپلىك ئىشتىن توختۇتۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئىككى تەرجېمان مەسىلىسى ئېلان قىلىنىپ، ھەممەيلەننى بېئارام قىلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمىز بۇ ئىككى جاسۇسلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىدىن قاتتىق غەزەپلەندى ۋە نەپرەتلەندى. بىز – گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھەم بۇ جاسۇسلاردىن سەسكەندۇق.

بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ھەربىر ئۇيغۇر-ھەربىر ۋەتەنداش؛ ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قەستەن ۋەياكى سەھۋەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق بىر سەۋەپ بىلەن، ۋەتەن-مىللەتنىڭ زىيىنىغا خىتايلار ئۈچۈن يالاقچىلىق، پايلاقچىلىق، جاسۇسلۇق، سۇخەنچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، مۇناپىقلىق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قەتئىي قارشىمىز.  كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ خىل ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلارنى، تاكى ئۇلار گۇناھىغا ئېقرار قىلىپ، ھەقىقىي تۆۋبە قىلمىغۇچە؛  ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، قىلمىشلىرى بىلەن زىيان سالغان ۋەتەنداشلىرىمىزدىن ئەپۇ سورىمىغۇچە؛ مەجبۇرلانغان ياكى ئازغۇنلۇقتا قىلىپ سالغان ئىشلىرىنى پاش قىلىپ، خىتايلارنى رەسۋا قىلمىغۇچە… ھەرگىز كەچۈرەلمەيمىز.

بىز دىنىي، مىللىي، ئىقتىسادىي، ئېژتىمائىي ۋە سىياسى جەھەتلەردە تالان-تاراج قىلىنىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ پارچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، گوللاندىيەدە پاناھلىققا ئېرىشىپ، سىياسى پاناھلانغۇچۇلۇق سالاھىيىتىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ۋەتەن-مىللەتكە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ۋە  تاجاۋۇزچى خىتايلارغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىمىز ئىنىق ۋە كەسكىندۇر.

تاجاۋۇزچىلىق ئاستىدا ئېزى ئۆچۈرۈلۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقدارلىرى بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن، يوقۇتۇلۇش خەۋىپىدە سۈيقەستلەردە تېپچەكلەۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر دانىسى بولۇش شەرىپىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزنى ئۆز-ئارا ئاگاھلاندۇرۇمىزكى؛ ساختىكارلىق بىلەن سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشىۋىلىپ، پاناھلىق يوللىرىنىڭ تاقىلىپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىۋاتقان؛ پاناھلىققا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىدىغان؛ سىياسىي پاناھلىق سالاھېيىتىدە تۇرۇپ، نورمال كۆچمەندەك ۋەتەنگە بىرىپ-كېلىپ ياشايمەن دەپ، ۋەتەن-مىللەتنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشتىن باش تارتقان؛ ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ئەل-ۋەتەننىڭ ھەققىنى بېرىش تۈگۈل ھەددىدىن ئېشىپ، شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتايلارغا سۇخەنچىلىك قىلغان ۋە قىلىدىغانلارنىڭ كاللىسىنى سىلكىۋىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەجدادلار ئېيتقاندەك؛ كىشىنىڭ ھەققىي كىشىدە قالماس! باشقىلارغا زىيان سالغان خاتېرجەم بولماس!  بۈگۈنكى ئىككى جاسۇسنىڭ شەرمەندە ھالىي بارلىق شۇم نېيەتتىكىلەرگە بېرىلگەن جېددىي سېگنال! ئۇلار بۇندىن كېيىن ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيدۇ. ئۇلارغا ھېچكىم كۈلۈپ قارىمايدۇ. ئۇلار دۇنيادىن خار-زەبۇنلۇق بىلەن ھەسرەت چىكىپ ئۆتىدۇ. ئاخىرەتتە دەۋزەخ ئازابى بىلەن جازالىنىدۇ. كىمدە كىم ئۇلارغا دوستلۇق قۇچاغىنى ئاچىدىكەن؛ ئىچ ئاغرىتىدىكەن؛ ھىسداشلىق قىلىدىكەن… ئۇلارمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

بىز «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نامىدىن، بۇ جاسۇسلارغا قارىتا قاتتىق جازا بىرىلىشىنى گوللاندىيە ھۆكۈمېتىدىن تەلەپ قىلىمىز. بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنى ھەم ئۇنداق جاسۇسلار بىلەن، خائېنلار بىلەن دوستلۇق، ئۇرۇق-تۇققانلىق مۇناسىۋىتىدە بولماسلىققا ۋە ھەرقانداق نورمال بىر ئالاقىدە بىرىش-كېلىش قىلماسلىققا چاقىرىمىز.

ئى… شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلار! بىز بۇ مۇناپىقلارنى ۋەتەن-مىللەتنىڭ لەنەت تاختىسىغا مېخلاپ سازايى قىلىپ، بۇندىن كېيىنكىلەرگە ئېبرەت قىلىش ئۈچۈن بىردەك ئېتتىپاقلىشايلى! مۇھەببەت- نەپرەت مەيدانىمىزنى ئېنىق ئايرىپ، ئارىمىزنى ساپلاشتۇرۇشنى، ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن مىللىي ۋە دىننىي بۇرچلىرىمىز قاتارىدا ھېساپلايدىغان روھنى تېكلەيلى! ئەنە شۇ چاغدا ۋەتەن-خەلقىمىزنىڭ بەخت – سائادىتى ھەممىمىزگە كۈلۈپ باققۇسى. ئىنشا اللە!

 

ئالىي ئېھتىرام بىلەن:

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى

25-مارت 2013  گوللاندىيە

About admin

Leave a Reply