خىتاي يەنە 20 ئۇيغۇرغا قاماق قاماق جازاسى بەردى

خىتاي يەنە 20 ئۇيغۇرغا قاماق قاماق جازاسى بەردى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە بايىنغولۇن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت 26 – مارت ھۆكۈم چىقىرىپ، قادىرجان ئۆمەر قاتارلىق 20 كىشىنى سىياسى سەۋەبلەردىن مۇددەتسىز ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمدە قەشقەر ئوتتۇرا سوتى 19 كىشىگە، بايىنغولۇن ئوتتۇرا سوتى بىر كىشىگە زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق» قا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئارتىپ قاماق جازاسى بەرگەن.

قەشقەر ئوتتۇرا سوتى قادىرجان ئۆمەر ۋە مەمتىمىن بەكرىنى مۇددەتسىز، ياسىنجان سەمەتنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا، توختى باقى، ئىمىنجان مەمەتتۇرسۇن، ئەمەتجان ئابلىز، ئالىم باقى، كېرەم ئوبۇل قاتارلىق كىشىلەرنى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا بۇيرىغان.

بايىنغولۇن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوتى كېرەم مەمەتنى 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان. ھەر ئىككى مەھكىمە مەھكۇملارنى تېلېفون ۋە ئېلىكترونلۇق ئالاقە ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش، يىتەكچىلىك قىلىش، قاتنىشىش، پۇل يىغىش، چېگرا ھالقىپ چەتكە قېچىشنى پىلانلاش، توردا سۆھبەت مۇنبىرى قۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋان تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىلىكنى تەرغىپ قىلىش، باشقىلارنى ئەكسىيەتچىل لىكسىيە سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلىگەن.  خىتاي دائىرلىرى بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قاچان؟ قەيەردە قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن.

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي بايلىقلىرىنى زوراۋانلىق بىلەن سۆمۈرۋاتقانلىقىنى ئاز دەپ يەنە ئىنسانلارنىڭ دىنى ئېتىقاد، مەنىۋىي قىممەت قاراش، پىكىرچۈشەنچىلىرىگىمۇ ھوجۇم قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇچۇر ۋە نۇر دەۋردە ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ ئەركىن دىنى ئىبادەت قىلىشىنى، ئەركىن ئىنتېرنېت قوللىنىشىنى،ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا. خىتاي ئۇيغۇر خەلقىگە دۇنيانىڭ ھېچ قانداق يېرىدە كۆرۈلمىگەن ۋە كۆرۈلمەيدىغان ئېغىر زۇلۇملارنى قىلماقتا.

خىتايدا، قانۇن،ئادالەت، ئەركنلىك دەيدىغان ئوقۇم مەۋجۇت ئەمەس، مەۋجۇت بولسىمۇ قەغەز ئۈستىدىكى قۇرۇق گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاي سوت مەھكىمىلىرى، ئادالەت ئۈچۈن ئەمەس كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مەنپەئتىگە تاقاشقان، ياكى ناھەق بولسىمۇ كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىغا قارشى چىققان چىققان ھەر قانداق كىشىنى جىنايەتچى دەپ جازا ھۆكۈم قىلىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىنسانلارنى ئەركىن ياشاشقا روخسەت قىلماي ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغان نېمىنى خالىسا شۇنى دىگۇزىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رەزىل سىياسەتلەر يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. ئىنسانىي قىممەت قاراشقا ھۆرمەت قىلماستىن ئىنسانلارنى يىيىش ۋەئىچىش ئۈچۈنلا ياشاشقا مەجبۇرلىماقتا. خىتايلارنىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوق چۈنكى دۇنيادا يەپ  ئىچىشنى مەقسەت قىلىپلا ياشايدۇ، ئۇيغۇرلار بولسا مەنىۋىي قىممەت قاراش،  دېنى ئىتىقاد، مىللىي مەدەنىيەت مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن ياشايدۇ، گەرچە خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئىزىپ باستۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ دۇنيادا ئۇيغۇرلار مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايلاردىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

 

About admin

Leave a Reply