خەۋەرلەر

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇشىغا يول قويامدۇ؟

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇشىغا يول قويامدۇ؟

19 – مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاناتىل سودا شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «نورۇز داستىخىنىدا ئانا تىل زىياپىتى» ناملىق نورۇز پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچىدە ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش ئىشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىغان ئىدى. ئەڭ يېڭى مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، شۇ كۈنى يەنە بۇ نورۇز پائالىيىتىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى تەرىپىدىن قەشقەردە قۇرۇلغان «نۇرخان تىل تەربىيىلەش مەركىزى» تەركىپىدىكى ئاناتىل يەسلىسىمۇ «رەسمىيەتلىرى تولۇق ئەمەس» دېگەن سەۋەب بىلەن تاقىلىپ، يەسلى بالىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزدىن ئىبارەت قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى خالىمىغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 19 – مارتتىكى نورۇز بايرىمىغا ئانا تىل سودا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قازاق قېرىنداشلارنىڭ زىيالىيلىرىنى تەكلىپ قىلىشتا تەشەببۇسكارلىق كۆرسەتكەن دومان ئىسىملىك قازاق زىيالىيسىغا بېسىم ئىشلىتىپ، قازاق زىيالىيلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن ۋە باغاقلارنى يىغىۋېلىپلا قالماي، قازاق زىيالىيلىرىغا ساقچى تەرەپتىن بىردىن – بىردىن تېلېفون ئېچىپ تەھدىت سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سورۇنىغا كېلىشىگە يول قويمىغان.

ئاشكارا ئۇچۇرلاردا بايان قىلىنىشىچە، 25 – مارت كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بۇ ساقچى يەنە، مەزكۇر پائالىيەتلەر ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىغا بېسىم قىلىپ، نورۇز پائالىيىتى ۋە ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى تور بەتلىرىدىن پۈتۈنلەي تازىلاپ چىقىرىۋېتىشنى بۇيرىغان. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەمەلدىن قالغان نورۇز پائالىيىتى ۋە ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش ئىشى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ھەر كۈنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ساقچى تەرەپنى قېيىن ئەھۋالدا قالدۇرماقتا.

باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان 26 – مارتتىكى ئاشكارا مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولغان كىشى، پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ خىزمەتچىسى دوماننى ئادەم ئۆلتۈرۈش سۈيىقەستىگە قاتناشقان، دەپ پىتنە تارقاتقان. دوماننى قورقىتىپ، ئۈنىنى چىقىرالمايدىغان قىلىپ قويغان. قازاق، قىرغىز زىيالىيلىرىنىڭ بىر ئارىغا جەم بولۇپ كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق باش قاتۇرۇش پىلانى مەغلۇپ بولغان. ئەمەلدىن قالغان بۇ پائالىيەتتە ئىلگىرى سۈرۈلمەكچى بولغان تۈپ ئىدىيە، ئەسلىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەر مىللەت يەرلىك خەلقىنىڭ ئۆز تىلىدا ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئېچىشتىن ئىبارەت يۈكسەك بىر غايىگە يېتىش يولىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش بولۇپ، خىتاي يولغا قويۇۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» قا قارشى بولغان بۇ غايە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى قاتتىق چۆچۈتكەن. ئەمما، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قورال قىلغان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يولدا بەدەل تۆلەش جاسارىتىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تور بەتلەر ئارقىلىق خەلقى ئالەمگە ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدۇق. تېلېفۇنىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. بىز قەشقەر «نۇرخان تىل تەربىيىلەش مەركىزى»گە تېلېفۇن ئېچىپ، بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغان مېھرىگۈل خانىمدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تېرىشتۇق. بۇ خانىم ئانا تىل يەسلىسىنىڭ تاقىلىپ قالغانلىقىنى، بالىلارنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات بېرىشنى خالىمىدى.

قەشقەردىكى مەشھۇر «يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى» يېنىدا قۇرۇلغان نۇرخان تىل تەربىيىلەش مەركىزى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بولسا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىھۇدە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزرە ئېيىتتى. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى، ئۇيغۇر ئىلىدە ئانا تىل يەسلىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىر ساقچىنىڭ توسالغۇسى ئەمەس، بەلكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ ئىجراسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

نېمىلا بولمىسۇن، ئۇيغۇر ئىلىدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز خەلقىنىڭ ئۈمىد – ئىستەكلىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نىقابىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا پىسەنت قىلماي، ئانا تىل يەسلىسى، ئانا تىل باشلانغۇچ مەكتىپى، ھەتتا ئانا تىل ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى بولماقتا. 

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەكرەم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close