پائالىيەتلەر

ئەركىن ئەكرەم: تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئېھتىماللىقى يوق

ئەركىن ئەكرەم: تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئېھتىماللىقى يوق

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيە تەتقىقات يىغىنىنىڭ بۇ ئايلىق يىغىنى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنىدىكى دېڭىز فەنەرى جەمئىيەتنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، ئەنقەرەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىقى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە ئالدى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە مەقسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغاندىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئورتاق بىر قىممەت قارىشى يوقلۇقىنى ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر، تەشكىلاتقا مەسلىھەت سالماستىن باشقا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىشىم تۈزىدىغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتىنىڭ باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا خەلقئارا سەھنىدە تەسىر كۈچىنىڭ يوقلۇقىنى ئىپادىلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى ھەم تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ تۈركىيىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ قارىشىدىكى بۇ نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە: تۈركىيىنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان تەشكىلاتىغا نىڭ ئەزاسى بولۇشى، تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن نامزاتلىقى، تۈركىيىنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى، تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تارىخى، مەدەنىي ۋە دىنى تەسىرى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدىكى 3 دۆلەتنى بىر گەۋدىگە كەلتۈرۈش تەسىرىنىڭ ئېھتىماللىقى، تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنىڭ شەرتلىرى بىلەن تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالاشقان كېلىشىملەرنىڭ زىت كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتايغا ماسلىشىپ بېرىش شەرتى بىلەن تۈركىيىنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئىمزالاشقان سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك كېلىشىمنامىسىنىڭ زىت كېلىدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى ۋە شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەنە شۇ سەۋەبتىن بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ، بۇ مەسىلىدە ئەندىشە قىلماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. يىغىن 2 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button