ئۇيغۇر تىلى

ئۇيغۇر تىلى
كىم دېدى تىلغا گاداي دەپ مۇشكىرى ئۇيغۇر تىلى،
دىلى كور،غاپىلغاچاچقاي زەھىرى ئۇيغۇر تىلى.
ئۇزلىقى دىللارغا رام خۇشتەرى ئۇيغۇر تىلى،
بۇ ئېلىمدە ئۇيغۇرۇمنىڭ رەھبىرى ئۇيغۇر تىلى .
چاقنىغان كۆكتىكى ماھى،ئەختىرى ئۇيغۇر تىلى!.
قەشقىرى يازدى دىۋان،ھەم تىل ئۇچۈن ئۆلمەس خىتاپ،
جان بېرىپ تىلغا نەۋائىي ئاشتى شۆھرەت بىھىساپ .
جان تىلىم ئالتۇن ئېلىمدە بولمىغاي ھەرگىز بىتاپ ،
سەن بىلەن پۈتكەچ دىۋان ئەجدادىمىز قامۇس- كىتاپ .
بولدى پۇر نامى جاھانغا، تىل پىرى- ئۇيغۇر تىلى !.
جان تىلىم ،پەخرىم، باھارىم، سەن مېنىڭكى غۇرۇرۇم ،
سەن بىلەن تاپقاي كامال ئارزۇ-ئۈمۈت دىل ھۇزۇرۇم .
سەن بىلەن تىكلەندى قامەت ،پارلىغاي مەڭگۈ نۇرۇم ،
سەن بىلەن ئۆستى ئىناۋەت،قۇچتى نۇسرەت ئۇيغۇرۇم .
دوستقا دوست،دۈشمەنگە ئۆتكۈر شەمشىرى- ئۇيغۇر تىلى !.
ئۇ پەقەت بىر تىل ئەمەس، ئۇيغۇرغا دىلدۇر بىلسىڭىز ،
تىل دېمەك مىللەت دېمەك بىزگە سېپىلدۇر بىلسىڭىز .
شۇ سەۋەپ،بارچە كۆڭۈلگە بەك ئىجىلدۇر بىلسىڭىز،
سانى ئاز، ۋەزنى ئېغىر، دۇردانە تىلدۇر بىلسىڭىز .
شائىرىم سۈزگەي ئۇنىڭدىن جەۋھىرى- ئۇيغۇر تىلى !.
كۆكلىگەن بۇ تىل بىلەن ئەجدادىمىز قالدۇردى ئىز ،
نۇر- زىيا بەردى بۇ تىلغا قايتىدىن ئوغلانۇ – قىز .
تىل بىلەن چولپان بولۇپ مەغرۇر ياشايمىز ئەمدى بىز،
كىرسىڭىز ئۇيغۇر ئېلىنى ئوخشىتىپ گۈلزارغا سىز .
مەسىت قىلار ۋۇجۇدنى مۇشكى -ئەنبىرى ئۇيغۇر تىلى !.
تىل بىلەن ياڭرار ئىدى مىليونلىغان ئۇيغۇر ئۈنى ،
كەتمىسۇن بۇ تىلغا چاك نۇر چېچىپ تۇرغان كۈنى .
ئىزدىگىن تارىخ ئارا ،سەن ئويلىنىپ كۈندۈز_ تۈنى ،
قەدرىنى بىل ئۇيغۇرۇم قىلمىغىن ئەبجەش ئۇنى .
ئەجنەبىيمۇ تۇرسا ئامراق مۇشتەرى -ئۇيغۇر تىلى .