خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا قەدىمى ئۇيغۇر خوتەن قەغىزى ياساش فابرىكىسى قۇرۇلدى

 

 

خوتەن قەغىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مىڭ يىلدىنمۇ ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئەينەك سەنئەتچىسى ۋە ئۇيغۇر خوتەن قەغەزچىلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان ئەپەندى، ئىستانبۇلنىڭ قەغەزخانا ناھيىسىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن ئېچىلغان قەدىمىي ئۇيغۇر خوتەن قەغىزى ياساشنى رەسمىي باشلىدى. قەدىمىي قەغەزچىلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان توغرۇل ئەپەندى، مەدەنىيەت ساھەسىدە خوتەن قەغىزىنىڭ بارغانسېرى ئېتىبارغا ئېرىشىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

تۈركىيىدە تۈنجى بولۇپ قەغەز ياسالغان ئورۇن ئىستانبۇلنىڭ قەغەزخانا دېگەن رايونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايون قەغەزخانا ناھىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. قەغەزخانا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن يېقىندا بۇ رايونغا قەدىمىي قەغەز ياساش فابرىكسى قۇرۇلدى. بۇ فابرىكىدا قەدىمىي ئۇيغۇر خوتەن قەغىزى ياساش ئۈچۈن ئۇيغۇر قەغەزچىلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان توغرۇل ئەپەندى تەيىنلەندى ۋە قەدىمىي قەغەز ياساش خىزمىتىنى باشلاندى. قەغەز ياساش ئىش پىلانىنىڭ مەقسىتى، ئۇزۇن مۇددەتلىك كەسپى مەكتەپلەر، گۈزەل سەنئەت رەسساملار، خەتتاتلار ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ قول بىلەن ياسالغان تەبىئىي ۋە قەدىمىي قەغەزگە بولغان ئېھتىياجىنى قامداش بىلەن بىرگە، قەدىمىي قەغەزچىلىك ھۆنىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. 

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئوغۇزخان تۇغرۇل ئەپەندى قەدىمىي خوتەن قەغەزچىلىك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان شەخس بولۇپ، بۇ فابرىكىدا ئۇيغۇر قەدىمىي قەغەزچىلىك كەسپى بويىچە قەغەز ياساش ئۇسۇلى بىلەن پاختا، رەخ پارچىلىرى، تاشلاندۇق قەغەزلەردىن يېڭى قەغەز ئىشلەپچىقارماقتا. 

قەدىمىي قەغەزچىلىك تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان توغرۇل ئەپەندى، قەغەز ياساش فابرىكىسىدا بۇ كەسىپكە قىزىققۇچىلارغا يەرلىك ئۇسۇلدا قەغەز ياساشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغۇخان ئەپەندى بۇنىڭ قەدىمىي بىر ئۇيغۇر سەنئىتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئەسىردىن بۇيان خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەربىدە قەغەز ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. 

يوق بولۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان قەدىمىي ئۇيغۇر قەغەزچىلىك مەدەنىيەت سەنئىتى ئىستانبۇلدا قايتىدىن جانلاندۇرۇلدى 

ئوغۇزخان توغرۇل ئەپەندى قەغەزخانا ناھىيىسىدە قۇرۇلغان قەدىمىي قەغەز ئىشلەپچىقىرىش فابرىكىسىدا، ئايالى ئاينۇر توغرۇل ۋە بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە قەغەز ئىشلەپچىقىرىدىكەن. 

ئوغۇزخان توغرۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى: قەغەز ئىلگىرى رەخ پارچىلىرىدىن ياسالغانلىقى ئۈچۈن پاختا رەخلەرنى پارچىلايمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن توقماق بىلەن سوقۇپ ئىزىمىز ۋە خېمىر ھالغا كەلتۈرىمىز، كېيىن خېمىرلارنى بىر سۈزگۈچتە سۈزۈپ قەغەز ھالىغا كەلتۈرىمىز، قەغەزلەر ئاپتاپقا سالغاندىن كېيىن 2 كۈندە قۇرۇپ قەغەز ھالغا كېلىدۇ. 

ئوغۇزخان ئەپەندى قەدىمىي قەغەز ياساش سەنئىتىگە تۈركلەرنىڭ ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز ئۇيغۇرلاردىن بىر ئائىلە بۇ يەردە قەغەز ياساۋاتىمىز، 550 يىلدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن بىر سەنئەتنى قەغەزخانىدا قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمىز. تۈركلەر يارىتىلىشتىن باشلاپ سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەربىدە قەغەز ياسايتتى. ئۇيغۇرلار قەغەز ياساش ۋە مەتبەئەچىلىككە تۈنجى بولۇپ قەدەم باسقان مىللەت. بىز ئۈچۈن قەغەزخانىدا بۇ ئىشنى يېڭىدىن باشلاش بەك ئەھمىيەتلىك بولدى. بىزگە بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن قەغەزخان شەھەر باشلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. 

ئوغۇزخان توغرۇل، خەتتاتلىق، گۈزەل – سەنئەت رەسساملىق ۋە ماي بۇياق رەسىملەر ئۈچۈن كېرەك بولغان ئەنئەنىۋىي سەنئەتلەردىن بىرى بولغان قەدىمىي قەغەزنىڭ ياسالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەپسۇسلىنارلىقى، تۈرك مىللىي گۈزەل سەنئەتلىرىدە ئىشىلتىلىۋاتقان قەغەزلەر چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنىۋاتىدۇ، بىز، ئۇيغۇر – تۈرك قەدىمىي قەغەز ياساش مەدەنىيىتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشتا پايدا بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىكى مەقسىتىمىز، خەلقىمىزگە بۇ كەسىپكە قىززىقان كىشىلەرگە، قەغەزنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقىنى ۋە قەغەز ياساشنىڭ قانچىلىك ئاسان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش، ئۇيغۇر – تۈرك قەغەزچىلىكىنى تەرەققى قىلدۈرۈپ بىر نۇقتىغا كەلتۈرۈش، كۆپلەپ قەغەز ئىشلەپچىقىرىپ دۇنيادا قۇرۇلغان قەغەز بازارلىرىدىن ئورۇن ئېلىش، بۇ بازارلاردا قەغەز سېتىش دۆلەتلىك ئىقتىسادىي ساھەگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە روھى كەيپىياتىمىز كۆتۈرۈلىدۇ. 

ئوغۇزخان توغرۇل مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىدىن يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان قەغەز ياساش سەنئىتىگە ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، تۈركىيەگە ئائىت مىللىي بىر قەغەز ياساپ چىقىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغۇخان توغرۇل ئەپەندى، قەغەز ياساش سەنئىتىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئايالى ۋە بالىلىرىغا ئۈگەتكەنلىكىنى، 10 ياشلىق قىزى بىلگىخاقانمۇ خۇددى ئاتا – ئانىسىغا ئوخشاش قەغەز ياساشقا قىزىقىپ ئۆگەنگەنلىكىنى، مەكتەپتىن قايتقاندا بوش ۋاقىتلىرىنى فابرىكىدا قەغەز ياساشقا ياردەملىشىپ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولۇگىيىلىك تەتقىقات ۋە قىدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 2 – ۋە 7 – ئەسىرلەر ئوتتۇرىسىدا قوللىنىلغان قەغەزلەرنىڭ، ئۈژمە دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرى، كەندىر، يىپەك رەخ پارچىلىرى ۋە پاختىدىن ياسالغانلىقى ئىسپاتلانغان. تۈركىيىدە بولسا 1453 – يىلى ئىستانبۇلنىڭ قەغەزخانا مەھەللىسىدە قۇرۇلغان قول بىلەن ئىشلەپچىقىرىدىغان تۈنجى قەغەزچىلىك فابرىكىسى 3 – سۇلتان سېلىم دەۋرىدە يولغا قويۇلغان. 

قەغەز – – ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەڭداشسىز كەشپىياتلارنىڭ بىرى. قەغەز كەشپ قىلىنغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئىنسانلار ياراتقان تارىخ ۋە مەدەنىيەت، ئىختىرا ۋە ئىجادىيەت، پىكىر ۋە ئىدىيە، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن مەنىۋى بايلىقلار قەغەزنى ۋاستە قىلىپ تارىختا ئۆچمەس خاتىرە بولۇپ پۈتۈلگەن؛ قەغەز بولغانلىقى ئۈچۈنلا كۆپلىگەن قىممەتلىك مىراسلار ئۆز دەۋرىدە كەڭ تارقالغان ۋە كېيىنكى دەۋرلەرگىچە يېتىپ كېلەلىگەن. تارىختىن بۇيان جۇغلانما بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋرلەردە قىممەتلىك مىراس سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئېسىل يادىكارلىقلارنىڭ كېيىنكىلەرگە يېتىپ كېلىشىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردە ئوينىغان مۇھىم روللىرىنى، ئۇلارغا جەملەنگەن تارىخ ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنىڭ بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ داۋاملىشىپ كېلىشىنى قەغەزسىز تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس. 

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

 

 

 

 

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close