خەۋەرلەر

دىكتاتۇر ئەسەدنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى

 

 

سۈرىيىدە 2 يىلدىن بۇيان ئۆز خەلقىنىڭ قېنىنى تۆكىۋاتقان زالىم دىكتاتۇر ئەسەدنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

تۈنۈگۈن خەلقئارالىق ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تور بەتلەرگە بىر سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى يۈكلەنگەن بولۇپ، بۇ سىنئالغۇدا سۈرىيە دۇما شەھىدتلىرى تۇگايى دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇپ، ئەسەدنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سىنئالغۇ كۆرۈنۈشتە، ئۇ گۇرۇپنىڭ لىدەرى دېيىلگەن كىشى ئەسەدنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن سۈرىيە خەلقى ئاڭلاشنى كۈتىۋاتقان خەۋەرنى سىلەرگە ئېيتىمەن، بەششىر ئەسەد، كۆپ تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلدى. پەقەت بىر ئېھتىمالغا قارشى ئەگەر ھازىر ھايات بولسا 12 سائەت ئىچىدە مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ھايات ئېكەنلىكىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. پۈتۈن ئەسەد شەببىھە كۈچىلىرىگە، ئەسكەرلىرىگە شۇنى ئۇقتۇرۇش قىلىمىزكى، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەڭ يېقىن جايدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولسۇن، ئادالەتلىك بىلەن سوت ئېچىلىپ ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. ئۆزەڭلار تەسلىم بولمىغان تەقىدىردە بۇنىڭدىن كېيىنكى سىلەرگە نىسبەتەن رەھىم – شەپقەت قىلمايمىز.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر خەۋەر ئېلان قىلىپ ئىجتىمائى ئۇچۇر دۇنياسىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئەمما بىر ئەرەبچە ۋە بىر ئىبرانىچە تور بېكەت ئەسەدنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى، ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، پايتەخت شامدىكى ئەل شام دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزۈش بۆلۈمىدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما خەۋەرنىڭ رەسىمى مەنبەلىرى ئېنىقلانمىغان.

مەنبەسى: تايىم تۈرك:

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button