شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلارغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى خىتايغا ۋە دۇنياغا كۆرسەتكەن، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئەڭ زەربىلىك ھەرىكەتلەردىن بىرى بولغان بارىن جىھادىي ھەرىكىتىنىڭ 23 _ يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن جەمئىيىتىمىزنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبسىدە شەھىدلەرنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە بارىن مۇجاھىدلىرىنى ئەسلەش، بۇ ھەرىكەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلىنىدۇ.
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىشىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.
ئورنى: شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى
ۋاقتى: 2013 _ يىلى 4 _ ئاينىڭ 5 _ كۈنى
ھۆرمەت بىلەن
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى.

Back to top button