ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلبۇلى، دىنى ئىسلامنىڭ دۇلدۇلى ئابلەت قارىھاجىم 2- ئاپرېل ئاتۇشتا يەرلىكىدە قويۇلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلبۇلى، دىنى ئىسلامنىڭ دۇلدۇلى ئابلەت قارىھاجىم 2- ئاپرېل ئاتۇشتا يەرلىكىدە قويۇلدى
ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە «بۇلبۇلقارىم» دەپ نام ئالغان مەشھۇر دىنىي زاتلىرىمىزدىن ئابلەت قارىھاجىم 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر ئايرودرومى بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى يولدا ئاپتوموبىل ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئەتىگەن سائەت 8:30 مىنۇت ئۆتكەندە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. بۇ ئاپتوموبىل ھادىسىسىنىڭ قەستەنلىكتىن ياكى سەۋەنلىكتىن بولغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
ئاتۇش تىجەن مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولغان ئابلەت قارىھاجىم توغرىسىدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، مەرھۇم 13 يېشىدىلا قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىپ، ناھايىتى يېقىملىق ئاۋازلىرى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن «بۇلبۇلقارىم» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. كېيىن تىجەن مەسچىتىگە ئىمام بولغان. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆز يۇرتىدا سىقىلىپ، ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەن ۋە پار-پۇر زاۋۇتى يولى ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىپ تىرىكچىلىك قىلغان. مەلۇماتلاردا مەرھۇمنىڭ ناھايىتى كۆپ شاگىرتلارنى تەربىيىلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى تۈنۈگۈن 2- ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى ناماز بامداتتىن كىيىن، مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئىلگىرى ئۆزى ئىمام بولغان ئاتۇش تىجەن مەسچىتىدە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، مىڭلىغان خەلق مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇپ يەرلىكىدە قويغان ، ۋە مەرھۇمغا ئاتاپ نۇرغۇن مەرسىيەلەرنى ئوقۇغان:
مەرھۇم ئابلەت (بۇلبۇل) قارى ھاجىمغا
ئۆزى كەسكىن تىلى ئۆتكۈر بولغاچقا،
خەلق قويغان تەخەللۇسنى بۇلبۇل دەپ.
قار – شىۋىرغان ئىگەلمىگەچ قەددىنى،
ئاتاشتۇق ئىسلامدىكى دۇلدۇل دەپ.
دەيتتى دائىم ئاللا بەرگەن بۇ جاننى،
كەلتۈرمەيلى شېرىكلىكنى گۇماننى.
ئۆلسەكمۇ ھەم مەرد–مەردانە ئۆلەيلى،
ھەمراھ قىلىپ پاك ۋىجداننى ئىماننى.
مەرھۇم توغرىلىق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مەرسىيەلەر ئوقۇلغان . مەرھۇم 13 يېشىدا قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىپ، يېقىملىق ئاۋازلىرى بىلەن خەلقىنى قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە بۇلبۇلقارىم دەپ ئاتالغان. كىيىن ئارتۇشتىكى تىجەن مەسچىتىگە ئىمام بولغان. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا بىدئەتكە قارشى ئىسلاھات ۋە دەۋەت ئېلىپ بارغان، باي – گاداي ، ئەمەلدار دىمەستىن دادىل ھالدا ھەقنى بايان قىلغان.
1980- يىللىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان مەرھۇم بۇلبۇل قارىھاجىم، تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئۆز تىرىكچىلىكىنى قىلغاچ نۇرغۇن ياشلارنى تەربىيلىگەن.
مەرھۇم 77 يېشىدا ۋاپات بولدى. جانابى ئاللاھ، مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت، ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي.