خەۋەرلەر

بۇلەنت ئارىنچ: شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچ: شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلىشىۋاتىمىز

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ چياڭ تۈركىيە مانىسا شەھىرىگە قاراشلىق سالىھلى ناھىيىسىدە ياشاۋاتقان قازاق كۆچمەنلەرنى زىيارەت قىلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن يەنى 2013 – يىلى 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىرلىكتە سالىھدىكى قازاقلارنى زىيارەت قىلدى ۋە قازاق كۆچمەنلەرگە ئالاقىدار مۇھىم سۆز قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى قازاق كۆچمەنلەرگە خىتاپ قىلىپ، دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولسا بولسۇن، ھەر بىر مەزلۇمغا ئىگە چىققانغا ئوخشاش ھەر قازاققا ئىگە چىقىمىز، دېدى.

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچ سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇۋاتىمىز، ئۇ يەردىن كىم كەلسە كەلسۇن، بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرىمىز، دېدى.

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى مانىسا ۋالىيىسى خېلىل ئىبراھىم، مانىسا شەھىرىگە قاراشلىق سالىھلى ناھىيىسىدىكى قازاق تۈركلىرى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. سالىھلىدا ياشايدىغان قازاقلار مىنىستىرلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى.

كۆپ ساندا قازاقلار قازاقچە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ ئىككى مىنىستىرنى قىزغىن كۈتىۋالدى. مىنىستىر بۇلەنت ئارىنچ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

– ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيىدە سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتىمىز، بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى بىلەن سەمىمىي مۇناسىۋەت قۇردۇق،. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىنچلىقلىرىنى بىلىمىز. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ياخشى بىر مۇناسىۋەت قۇرۇلدى. ئۇ يەردىن كىم كەلسە كەلسۇن، بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرىمىز. تۈركىيىنىڭ كۈچىدىن ھەر كىم پايدىلىنىشنى خالايدۇ، تۈركىيە رايونلۇق ئەمەس، خەلقئارالىق بىر رول بولدى. تۈركىيە تارىختىكىگە ئوخشاش كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇپ سەھنىگە چىقىۋاتىدۇ. گۈزەل كۈنلەر بىزنى كۈتىۋاتىدۇ.


كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى قازاقلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى:

– 1950 – يىللاردا ناھايىتى قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ئاتا ۋەتەندىن ئانا ۋەتەنگە كەلدىڭلار، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە بارغان ئىدىم، ئۈرۈمىچىدە بىر مەسچىتتە ئۇ يەردىكى تاغىلاردىن بىرسى يېنىمغا كېلىپ مېنى باغرىغا بېسىپ چىڭ قۇچاقلىدى. بىز قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتۇق، ئۇزۇن زامان ھەسرەتتە ياشىغان قېرىنداشلاردەك چىڭ قۇچاقلاپ كۆرۈشتۇق. ئۇ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش بىزنىڭ تارىخىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ، بىزنىڭ كۆڭلىمىزنىڭ يېرىمى داۋاملىق ئۇ يەردە قالدى. بۇ مۇشۇنداق بىر ھەسرەت، ئۇ قىزغىنلىقنى بۈگۈن بۇ يەردە ھېس قىلدىم، ئاناتولىيە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەنلەرگە قۇچاق ئاچتى، بىز ئاتا يۇرتىمىزدىن كەلگەندىن كېيىن كۆڭلىمىزنىڭ بىر قىسمى ئۇ يەرلەردە قالدى. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ قەيەردە بولسا بولسۇن، ھەر مەزلۇمغا ئىگە چىققانغا ئوخشاش قازاقلارغىمۇ ئىگە چىقىمىز. قازاقىستان بىلەن تۈركىيە بىر دۆلەتكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىدۇ. سىلەر ئاناتولىيىنىڭ ئەڭ گۈزەل چىچەكلىرى بولۇپ بىزگە قېتىلدىڭلار، ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنىلىرىڭلارنى ھەرگىز يوقىتىپ قويماڭلار.

كېيىن قازاقلار ئىككى مىنىستىرغا تون كەيدۇردى ۋە قازاق مىللىي تائاملىرى بىلەن زىياپەت بەردى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى بولسا سالىھلىدىكى قازاقلارنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ قازاقلارنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ قازاقلارغا دېگەن سۆزلىرى بولسا، خىتاي باش كونسۇلىنىڭ دېگەن سۆزلىرىنىڭ دەل ئەكىسچە بولغان، يەنى خىتاي كونسولى سۆزىدە قازاقلارنى خىتايغا كېتىشكە دەۋەت قىلغان، ئەمما تۈركىيە مۇئاۋىن مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن قېرىنداشلارنى تۈركىيىدە بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، ئەخمەت داۋۇتئوغلى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدا مەزلۇملارغا ئىگە چىققانغا ئوخشاش، ھەر بىر قازاققا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قازاقلارنى قايتىپ كەتمەسلىككە ئۈندىگەن.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى سالىھلىدىكى قازاقلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا، تۈركىيە مۇئاۋىن مىنستىرى بۇلەنت ئارىنچ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ، سالىھلىدىكى كۆچمەن قازاقلەرنى زىيارەت قىلىشى بىر تاسادىپىلىقمۇ ياكى خىتاي باش كونسۇلىنىڭ زىيارەت قىلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

بىز بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مانىسا شەھەرلىك شۆبىسىگە تېلېفۇن قىلىپ بۇ توغرىدا شۆبىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىدىن مەلۇمات سورىدۇق، ئەمما مۇئاۋىن باشلىق سوئالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جاۋاب بېرىشتىن باش تارتىپ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلنىڭ ھازىر يوقلۇقىنى، باشقا بىر كۈن تېلېفۇن قىلىشنى ئېيتىپ تېلېفۇننى قويىۋەتتى.

بىز بۇ ھەقتە يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتى توركولۇگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ پىكىر – قاراشلىرىنى ئالدۇق، دوكتۇر ئۆمەر قۇل، خىتاي باش كونسۇلىنىڭ بولسا قازاق قېرىنداشلارنى ئالداش، ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە كۆز بۇيامچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇزىنىڭ قارا نىيەت مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن زىيارەت قىلغانلىقىنى، خىتاي باش كونسۇلىنىڭ سالىھلىدىكى قازاقلارنى زىيارەت قىلىشى، تۈركىيە مىنىستىرلارنىڭ زىيارىتىدىن ئىككى كۈن بۇرۇنغا توغرا كېلىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا پىكىر – بايان قىلىپ، خىتاي باش كونسۇلى تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ كۆچمەن قازاقلارنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن خەۋەر تېپىپ تۈركىيە مىنىستىرلىرىدىن بۇرۇن بېرىپ زىيارەت قىلغان بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ كۆچمەن قازاقلارغا، تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا دېمەكچى بولغان سەمىمىي يۈرەك سۆزلەرنى دېگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي باش كونسۇلىنىڭ زىيارىتىنى ئالدامچىلىق، تۈركىيە مىنىستىرلارنىڭ زىيارىتىنى سەمىمىيلىك زىيارەت دەپ باھا بەردى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close