خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا بارىن جىھادىنىڭ 23 – يىللىقىنى خاتىرىلەش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا بارىن جىھادىنىڭ 23 – يىللىقىنى خاتىرىلەش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

بۇنىڭدىن 23 يىل ئىلگىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاننىڭ بارىن يېزىسىدا، خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى قۇراللىق جىھادىي ھەرىكەت يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ ھەرىكەتنى قانلىق باستۇرۇپ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى شەھىد قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5- ئاپرېل جۈمە كۈنى، جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە بارىن جىھادىنىڭ 23 – يىللىقىنى خاتىرىلەش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن كەچ سائەت 7 دە باشلاندى، يېغىنغا ئىستانبولدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بارىن جىھادىنىڭ 23 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان يېغىندا، بارىن جىھادى ھەرىكەتتە شېىھىت بولغان مۇجاھىدلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان خەتمە قىلىندى. قۇرئان خەتمىسىدىن كىيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان بارىن شېھىتلىرىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.

يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان  رىياسەتچىلىك قىلدى.

يېغىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى، قۇرئان تىلاۋىتىنى سەيپىدىن قارىم قىلدى.

 كىيىن جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يىغىننىڭ پروگراممىسنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مەقسىتى نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ كۈننى خاتىرلەيمىز ؟ دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەرگە قارشى بارىندا جېنىنى پىدا قىلغان، ئاللا قۇرئاندا “ ئەركەكلەر “ دەپ ئالاھىدە ماختىغان ئەزىمەتلەرنى خاتىرىلەش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر، بىزنىڭ تارىخىمىزدا نۇرغۇن “ ئەركەك “ مۇجاھىدلار ئۆتتى، سابىت داموللام، شاھ مەنسۇر، ئەمىر ساھىپ ۋە ئەلىخان تۆرەم ۋە شۇلارغا ئوخشاش نۇرغۇن مۇجاھىدلار زۇلۇمغا ، تاجاۋۇزغا ۋە زوراۋانلىققا قارشى جىھاد قىلىپ ئۆتكەن. بارىن جىھادىمۇ شۇلارغا ئوخشاش شەرقى تۈركىستان ئىشغالچىسى ۋە مۇسۇلمان شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى، شەرقى تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدىن ئىبارەت كىچىك بىر يەردىن پارتلاپ چىققان چوڭ بىر جىھادى ھەرىكەتتۇر. بۇ جىھادنىڭ رەھبىرى زەيدۇن يۇسۇف قارىم شۇ ۋاقىتتا 26 ياشتا ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە ۋىجدانى كۈچى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئىبارەت ئەڭ ۋەھشى دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلدى ۋە شۇ جىھادتا جېنىنى پىدا قىلىپ، شېھىد بولدى.
ئۇلاردىن سىلەر شۇنداق ئاز ، ھەربى شارائىتىڭلار ئىنتايىن تۆۋەن ھالدا تۇرۇپ ، زامانىۋى قوراللىرى بار ، سانى ئىنتايىن كۆپ ئەڭ ۋەھشى جاھانگىرغا نېمە ئۈچۈن قارشى چىقتىڭلار دەپ سورالسا، ئۇلار شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قىز – ئاياللىرىمىزنى ۋە ئىززەت – ئابرويىمىزنى ئاياغ – ئاستى قىلدى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنى ئەڭ ئەشەددى زۇلۇملار بىلەن قىينىدى، نۇرغۇن ئاجىزلار ئى ئاللا ! بىزنى بۇ زالىملاردىن قۇتقۇزغىن ، بىزگە چىقىش يولى ئاتا قىلغىن، بىزگە سىنىڭ تەرىپىڭدىن ياردەمچى ۋە بىزنى قوغدىغۇچى ئەۋەتكىن دەپ نىدا قىلىۋاتىدۇ. بىز ئىمانى ۋە ۋىجدانى كۈچىمىز بىلەن بۇ ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زالىمغا قارشى جىھاد قىلدۇق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە مۇنداق دېدى : ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىردۇر، بۈگۈنكى كۈندە قىزلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى توشۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ روھى بويىچە ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر غېرىچ زېمىنى دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنسا، بۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۈتۈن مۇسۇلمانلار لەشكەر تارتىشى كېرەك ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاندا بىر مۇسۇلمان ئايال دىنسىزلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغانلىقى ۋە ئۇ ئايالنىڭ ئې مۇئتەسىم ! دەپ نىدا قىلىشى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى مۇسۇلمانلار رەھبىرى بولغان مۇئتەسىم ھىندىستانغا قوشۇن تارتقان ۋە مەزكۇر مۇسۇلمان ئايالنىڭ نىداسىنى بىجا كەلتۈرگەن ۋە ھىندىستاننى پەتھى قىلىپ مۇسۇلمانلار باشقۇرغان. ھازىر شەرقى تۈركىستان زېمىنىنىڭ ھەممىسى ئىشغال ئاستىدا، شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئەڭ ئېغىز زۇلۇمدا، شەرقى تۈركىستان قىز – ئاياللىرى تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئاياغ – ئاستى قىلىنماقتا. ئۇلار (ئاجىزلار، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار) ئې ئاللا بىزنى بۇ زالىم قەۋمنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزغىن، بىزگە چىقىش يولى ئاتا قىلغىن ، بىزگە ئىگە بۇلىدىغان ۋەلىلەرنى ئەۋەتكىن، بىزگە ياردەم قىلغىن ! دەپ نىدا قىلماقتا. ئېزىز قېرىنداشلار ! ئۇلارنىڭ بۇ ئاھۇ – زارلىرىغا يېتىش ، ئىززەت – ئابرويىنى قوغداش ۋە مۇسۇلمانلار زېمىنى بولغان شەرقى تۈركىستاننى تاجاۋۇزچىلاردىن تازىلاش كىملەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ؟

 ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە بىرما، تايلاند ۋە باڭگىلادىش قاتارلىق ئۇزاق شەرقتىكى مۇسۇلمانلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ھەر كۈنى دېگۈدەك قەتلى قىلىنىۋاتىدۇ ۋە تىرىك كۆيدۈرۈلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدا شەرقى تۈركىستان ئىشغالچىسى بولغان خىتاي تاجاۋۇزچىلرىنىڭ قولى بار. ئاللاھ قۇرئان كېرىمدە “ نىمىشقا ئاللا يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر، ئاجىزلار ، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار ئې ئاللا بىزنى بۇ زالىم قەۋمنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزغىن، بىزگە چىقىش يولى ئاتا قىلغىن ، بىزگە ئىگە بۇلىدىغان ۋەلىلەرنى ئەۋەتكىن، بىزگە ياردەم قىلغىن ! دەپ نىدا قىلىۋاتىدۇ “ دەپ ، زالىمغا قارشى جىھاد قىلىشقا خىتاپ قىلغان تۇرسا، شەرقى تۈركىستاندىكى ئىشغالچى ختاي زۇلۇمىغا قارشى ھەرىكەت قىلماسلىققا يەنە نېمە توسالغۇلۇق قىلىدۇ؟ دېگەن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئاللاھنىڭ بايرىقىنى يەر شارىنىڭ قانداق بىر يېرىدە يۇقىرى تىكلىمەكچى بولساق، ئۇ بايراقنى ئەڭ ئەۋۋەل قەلبىمىزگە يۇقىرى تىكلىشىمىز كېرەك. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز، بىز ھازىر بىرلىككە مۇھتاج، بىرلىكتە ئىززەت، شەرەپ بار، ھەممىدىن مۇھىمى بىرلىكتە ئاللاھنىڭ قولى ۋە ياردىمى بار. بىز شۇنىڭغا موھتاجمىز دېدى.

كىيىن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستىقلال تەشۋىقات مەركىزى تەرىپىدىن تەييارلانغان بارىن جىھادى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمى قويۇلدى. فىلىمدە شەرقى تۈركىستان ئىشغالغا ئۇچرىغاندىن بۇيانقى خىتاي زۇلۇملىرى ۋە بۇ زۇلۇمغا قارشى جىھادى كۈرەشلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، يېغىن ئەھلىگە شەرقى تۈركىستاننىڭ يېقىنقى تارىخى ۋەقەلىرىنى ئەسلەتتى.

كىيىن جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، بارىن جىھادىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىتىپ، بارىن جىھادىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى ۋە قانداق ئاخىرلاشقانلىقى ھەققىدە تەييارلىغان ماقالىسىنى يېغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

 كېيىن جەمئىيەتنىڭ باش نازىرى ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بارىن جىھادى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرە ئەنفالنىڭ 73 – ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى ۋە بارىن جىھادى جەريانىدىكى ۋەقەلەردىن قانداق دەرس ئېلىش ۋە قانداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا سۆز قىلىپ، بارىن جىھادى رەھبىرى زەيدۇن يۇسۇف قارىمنىڭ ئىمانى روھ ، ۋىجدانى كۈچ بىلەن شۇ ۋاقىتتا ناھايىتى توغرا قارار ئالغانلىقى ھەمدە سانىنىڭ ئاز، ئەسكىرى شارائىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولىشى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى قانداق ساراسىمىگە سېلىپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە سان مۇھىم ئەمەس ، سۈپەت مۇھىم. قامەت مۇھىم ئەمەس، قىممەت مۇھىمدۇر. ساننىڭ ئاز بولغانلىقى ، زامانىۋى قوراللارنىڭ يوق بولغانلىقى مەسىلە ئەمەستۇر. ھەقىقى مەسىلە ئىسلامنىڭ ھۆكمى بويىچە روھ ۋە ھاياتنىڭ بولمىغانلىقىدۇر دېدى.

كىيىن جامائەت ئەربابى ئۇستاز ئابدۇقادىر ياپچان ، ئاللاھنىڭ دىنىغا ھەقىقى ساداقەتمەن بولۇش ۋە مۇسۇلمانلارنى قانداق قىلغاندا ئورتاق بىر پىكىرگە ئەكەلگىلى بولىدۇ دېگەن خۇسۇستا سۆز قىلىپ، بارىن جىھادىدىن كىيىن ھازىرغىچە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرەش توختاپ قالمىدى ۋە توختاپ قالمايدۇ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى شەرقى تۈركىستاندا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىكەنمىز دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك دېدى.

ئەڭ ئاخىردا جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان خاتىمە سۆزى قىلدى ۋە يېغىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە يېغىن ئەھلىگە زىياپەت ھازىرلىغان زەيتىن بۇرنۇ شۆبىسىنىڭ ئىدارى ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

يېغىن كەچ سائەت 10:30 دا ئاخىرلاشتى. كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كىيىن ئۇستاز ئابدۇلكەرىم كۇچارنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن شەھىدلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى ۋە يىغىن ئەھلى قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

 

 

 

 

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close