خەۋەرلەر

چەتئەللىكلەرگە ئالاقىدار قانۇن تەكلىپى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

چەتئەللىكلەرگە ئالاقىدار قانۇن تەكلىپى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى

بۇ قانۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەر جەھەتتىن كەڭ دائىرىلىك بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ  .

 

چەت ئەللىكلەرگە ۋە خەلقئارا قوغداش قانۇنىغا ئالاقىدار قانۇن تەكلىپى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ رەسمىي قانۇنلاشتى.

بۇ قانۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەر جەھەتتىن كەڭ دائىرىلىك بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ.

چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت رۇخسىتى، ئىقامەت يەنى، تۇرۇش رۇخسىتىنىڭ ئورنىدىمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق چەت ئەللىكلەر بىردىن ئارتۇق ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنۇپ يۈرمەيدىغان بولىدۇ.

تۈركىيەدە ئىزچىل تۈردە 8 يىل تۇرغان چەت ئەللىكلەرگە مۇددەتسىز ئىقامەت يەنى، تۇرۇش رۇخسىتى بېرىلىدۇ.

بۇ قانۇن بىلەن يەنە، تۈركىيەدىن تىرانزىت ئۆتمەكچى بولغان چەت ئەللىكلەرگە ئايردورۇمدىن تىرانزىت ۋىزىسى بېرىلىدىغان بولىدۇ.

ئىنسان ئەتكەسچىلىرىنىڭ توزىقىغا دەسسىگەن كىشىلەرگە ئازابلىرىنى يېنىكلىۋېتىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەدە 30 كۈنلۈك تۇرۇش رۇخسىتى بېرىلىدۇ.

بۇ قانۇندىكى ئەڭ مۇھىم بەلگىلىمىلەرنىڭ بىرسى سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا ئالاقىدار بولۇپ، ئۇلار ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.

بۇلاردىن بىر قىسمى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، «شەرتلىك پاناھلانغۇچى»لارغا تېگىشلىك ھەق ـ ھوقۇقلاردىنمۇ پايدىلىنالايدىغان بولىدۇ ۋە خىزمەت رۇخسىتى ئالالايدۇ.

ۋەتەنسىز كىشىلەرگە ئالاھىدە بىر كىملىك بېرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە تۇرىشى قانۇنلۇق بولغان بولىدۇ.

ئائىلىۋى زوراۋانلىققا دۈچار بولغان ۋە چۇپتى تۈركىيە پۇقراسى بولغان چەت ئەللىكلەر بىلەن كېچىك بالىلىرى تۈركىيەدە تۇرۇپ قالالايدۇ.

ئەگەر دۆلىتىگە قايتۇرسا ئىنسانىيەنكە خىلاپ قىيىن ـ قىستاقلارغا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان چەتئەللىكلەرمۇ مەخسۇس قوغدىلىنىدۇ ۋە ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلمايدۇ.

 

 مەنبە: ت ر ت

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close