خەۋەرلەر

قەشقەردە دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش ئىشلىرى كۈچەيتىلگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە دىنىي زاتلار بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقادى ۋە دىنىي تەربىيىسى كۈچلۈك ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى تىزىملاش ئىشلىرىنى كۈچەيتكەن.

بۇ سىياسەت قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىر قەدەر قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن. 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ساقچى ئىدارىسى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ دىنىي زاتلار ھەققىدە تەپسىلىي ئارخىپ تۇرغۇزغان. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قارىغاندا شۇ خىلدىكى، ئارخىپلارنىڭ بىر خىلىدا قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى مەسچىت – جامىلاردا ئىمامەتچىلىك قىلىۋاتقان زاتلار تىزىملانغان، يەنە بىر خىلىدا ۋىلايەت تەۋەسىدىكى دىندار ئائىلىلەر ۋە تالىپلار تىزىملانغان.

تىزىملىككە دىنىي زاتلارنىڭ كىملىك نومۇرى، ئادرېسى، ئائىلە جان سانى، سىياسىي مەيدانى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، شۇغۇللانمىغانلىقى، خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان، سايلانمىغانلىقى، ھازىرقى ئىپادىسى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسچىد – جامئىلەرنىڭ سىرتىغا كومۇنىست بايرىقىنى ئاسقاننى ئاز دەپ ئەمدى جامىئىلەرنىڭ ئىچىگە ئېسىشقا، مۇسۇلمانلارنى كوممۇنىست بايرىقىنى ئاستىدا ئىبادەت قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا.

 بۇ ئارخىپلار بۇ يىللىق ئارخىپلارغا تەۋە بولۇپ، بۇنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى پەسىللىك تولدۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2012 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي تەقىب قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close