خەۋەرلەر

خۇتەندە زور ئوت ئاپىتى يۈزبەردى

4-ئاينىڭ 12-كۈنى ( بىيجىڭ ۋاقتى) سائەت22دىن 20مىنۇت ئۆتكەن، خۇتەن ۋىلايىتى خۇتەن شەھرى تەيبىي يۇلى ( شىمالى بىكەت يېنى)دىكى بىر ئائىلە سايمانلىرى بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈربەرگەن بۇلۇپ، ئوت شىددەت بىلەن ئۇلغۇيۇپ، ئەتىراپتىكى ئالتە قەۋەتلىك بىر ئولتۇراق بىناغا تۇتاشقان. خۇتەن ۋىلايەتلىك ئوت ئۈچۈرۈش ئەتىرىتى ۋە ج خ خادىملىرى بۇلۇپ 200دىن ئارتۇق ئادەم قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان، ئەتىراپتىكى نەچچە يۈز خەلق ئاممىسى تارقاقلاشتۇرۇلغان، ئوت ئەھۋالى ناھايتە كۈچلۈك بولغاچقا، خۇتەن ج خ ئوت ئۈچۈرۈش تارماق ئەترىتى قاراقاش ناھيەلىك ۋە لوپ ناھيەلىك ئوت ئۈچۈرۈش ئەترىتىنى ياردەمگە ئەكەلگەن، ئوت تۇتاشقان ئولتۇراق بىنا پۈتۈنلەي كۈيۈپ كەتكەن.

ئىگەللىنىشىچە، خوتەندە يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان. ئەمما خوتەن شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋە ئىقتىساد تىكلىگەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بۇ رايونغا كېتىشى ۋە ئوتنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە كەڭ رايونغا تارقىلىپ نۇرغۇن  ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.

ئىگەللىنىشچە ۋەقەدە بىر ئائىلىنىڭ 4 مىليون يۈەن نەخ پۇلى ۋە نەچچە مىليون قىممىتىدە قاشتېشى كۈيۈپ كەتكەن.

ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ، خوتەندە يۈز بەرگەن زور ئوت كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا ھېچ قانداق ئۇچۇر تارقاتماسلىقى بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close