خەۋەرلەر

سېرىقبۇيا يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 21 كىشى ئۆلگەن

مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 21 كىشى ئۆلگەن، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

2013 _ يىلى 4 _ ئاينىڭ 23 _ كۈنى قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىق بۇيا يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 21 كىشى ئۆلگەن، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

خىتاينىڭ 3 نەپەر پايلاقچىسى سېرىقبۇيا يېزىدا ئۆي ئارىلاپ يۈرۈپ پايلاقچىلىق قىلىۋاتقاندا بىر ئۆيگە توپلانغان بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر ياشلارنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا پىچاق ۋە تام تېشىدىغان ئەسۋابلارنى كۆرۈپ گۇمانلانغان. پايلاقچىلار  بۇلارنى  خىتاي ساقچى ئىدارىسىغا ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىگە چېقىشتۇرۇپ دوكىلات قىلغان. بۇنى بىلىپ قالغان ئۇيغۇر ياشلار، ئۈچ نەپەر پايلاقچىنى تۇتۇپ ئۆيگە سولاپ قويغان، ئۇلار قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلار بۇ ئۈچ نەپەر پايلاقچىنى ئۆلتۈرۈپ جەھەننەمگە يوللىغان.  كېيىن خىتاينىڭ ساقچى ئەتىرىتى ۋە ئەسكەرلىرى ئۆينىڭ ئەتراپىنى قورشاپ ئۆينى ئوق يامغۇرىغا تۇتقان. ئۇيغۇر پىدائىيلارمۇ قارشلىق كۆرسەتكەن. ئىككى تەرەپ قانلىق توقۇنۇش جەرىيانىدا خىتاي تەرەپتىن 15 كىشى ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە 10 ئۇيغۇر، 3 خىتاي، 2 مۇڭغۇل قاتارلىق 15 كىشى نەخ مەيداندا ئۆلگەن. خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان ئۇيغۇر پىدائىيلاردىن 6 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 8 نەپىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن ئەمما بۇ ۋەقە بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى چوڭ – چوڭ ئاخباراتلاردا كەڭ تارقالدى. كۆپىنچە ئاخباراتلار ۋەقە يۈز بەرگەن يەردىن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىق بىلەن ئەيبلىدى.

ئىگەللىنىشىچە بېيجىڭدىكى بىر قىسىم چەتئەل ئاخباراتلىرى قەشقەرگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ خىتاي دائىرلىرى روخسەت قىلمىغان.

بۇ ۋەقە بۈگۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركسىتانغا مەركەزلەشتۇردى.

خىتاي شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە قانچىلىق ئېغىر بېسىم قىلغانسىرى خەلقنىڭ بېسىمغا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى كۆپەيمەكتە. 

مۇسا بايتاش خەۋىرى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close