شۋېتسىيەدە مەسجىد مۇنارىدا ئەزا ئوقۇشقا روخسەت قىلىندى

شۋېتسىيەدە ياڭراتقۇدا ئەزا ئوقۇشقا روخسەت قىلىندى.
شۋېتسىيە تارىخىدا تۈنجى قېتىم بىر مەسجىدنىڭ مۇنارىدا ئەزان ئوقۇلدى.
شۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوھولۇمدىكى فىتجا ئۇلۇغ جامئى دېگەن مەسجىدنىڭ مۇنارىدا ئەزان ئوقۇلدى. شۋېتسىيە ھازىرغىچە مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىد مۇنارىدا ئەزان ئوقۇشىغا ياكى ياڭراتقۇ بىلەن ئەزان توۋلاشقا روخسەت قىلمىغان ئىكەن.
شۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە كۈنلىرى مەسجىد مۇناردا ئەزان ئوقۇشقا روخسەت قىلىپ ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان ئىلتىماس قوبۇل قىلىنغان. ساقچى ئىدارىسىمۇ ياڭراتقۇ بىلەن ئەزا ئوقۇشنى تەستىقلىغان.
2013 _ يىلى 4 _ ئاينىڭ 25 – كۈنى سىتوكھولۇمنىڭ فىتجا رايونىغا جايلاشقان ئۇلۇغ جامئى ئىسىملىك مەسجىدتە تۈنجى قېتىم مەسجىد مۇنارىدا ئەزان ئوقۇلدى. ئەزان ئوقۇلۇش جەرىيانى شۋېتسىيە دۆلەتلىك رەسىم تېلېۋىزىيە قانلى بولغان SV1 تېلېۋىزىيە قانلى تەرىپىدىن نەخ مەيداندىن تارقىتىلغان. مەسجىدتە تۈنجى قېتىم ئەزان ئوقۇلغاندىن كېيىن 1200 دىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار بىرلىكتە ناماز ئوقۇدى.
ئۇلۇغ جامئى مەسجىدنىڭ مەسئۇلى ئىسمائىل ئوقۇر، بۇ ئىلگىرلەش شۋېتسىيەنىڭ كەڭ قوساق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇندق دېدى: 1973 _ يىلدىن بۇيان سىتوكھولۇمدا ياشاۋاتىمەن، ئىككى قېتىم شۇنداق ھاياجانلاندىم ۋە خۇشال بولدۇم. دېدى.
شېۋتسىيە دېموكراتىيە پارتىيىسى ئەزا ن ئوقۇشقا قارشى چىقىپ، ئەزان ئوقۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىماسلىققا ئورۇنغان بولسىمۇ ساقچى ئىدارە باشلىقى، دىنى ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئەزان ئوقۇشقا روخسەت بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە شۋېتسىيەدە 100 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار ياشايدىكەن.
ياۋروپا ئەللىرى ئىسلامغا كەڭچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا دىنى بېسىمنى بارغانسىرى چىڭىتىۋاتقان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى بولۇپمۇ شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، دىنى ئىتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ ئۇتۇق قازىنىشىغا تىلەكداشمىز.
مۇسا بايتاش
شۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولۇمدا تۈنجى قېتىم ئوقۇلغان ئەزان ئاۋازىنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى،