
جەمئىيىمىز ئاياللىرى بۆلۈمى بالىلار بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىدىكى خانىم – قىزلار، تۈركىيىنىڭ كوجائېلى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى.
تۈركىيىنىڭ كوجائېلى ۋىلايىتى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىل 23 مارت بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كوجا ئېلى ۋىلايىتىدە 41 دۆلەتتىن 1000 دىن ئارتۇق بالىلارنى تەكلىپ قىلىپ خەلقئارالىق چوڭ بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ۋاكالەتەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلاردىن 6 نەپەر ئۇيغۇر بالىلىرى قاتناشتى ۋە پائالىيەت جەرىيانىدا مىللىيچە كىيىملەرنى كەيگەن ئۇيغۇر بالىلار، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلىدىتىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. بۇ پائالىيەتكە كوجائېلى ۋالىيىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى، داڭلىق سەنئەتچىلەر ۋە تەنتەربىيەچىلەر شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ شوۋ تىۋىدە قابىلىيەت سىزدە دېگەن پروگراممىدا ماھارەت كۆرسەتكەن مەشھۇر شەخسلەر بولۇپ نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتى.
پائالىيەت جەرىيانىدا ھەر بىر مىللەتكە سۆز قىلىش ياكى پائالىيەت كۆرسىتىش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، ، ئۇيغۇر قىزلار ئەتلەس كۆينەك ۋە چىمەن دوپپا بىلەن سەھنىگە چىقىپ قوللىرىدا كۆك بايراقنى ئىگىز كۆتۈرگەن ھالدا «مەن تۈركىستان قىزى» دېگەن شېئىرنى جاراڭلىق دېكىماتسىيە قىلدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. نەچچە مىڭ كىشىلىك چوڭ زال ئالقىش ۋە چاۋاكلار بىلەن جاراڭلاپ كەتتى. بۇ پائالىيەت 18 - ئاپرىلدىن 20 - ئاپىرىلغىچە داۋام قىلغان بولۇپ، بىرىنجى كۈنى تونۇشۇش، نومۇر كۆرسىتىش، شېئىر ۋە ناخشا ئوقۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.
پائالىيەتنىڭ كىيىنكى كۈنلىرى نەچچە كىلومېتىرلىق مۇساپىنى پىيادە يۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نەچچە مىڭ كىشى كىچىك بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرى بىلەن يۈرۈش قىلغان. ئۇيغۇر بالىلارمۇ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا ئەتراپتىكىلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ يۈرۈش قىلغان.
پائالىيەت جەرىيانىدا ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن بالىلار كوجائېلى ۋىلايىتىگە تەشەككۈر ئېيتىش ۋە ھەدىيە تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلار ۋالىيىغا يىپەك ئەتلەس ھەدىيە قىلدى. ھەدىيەنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋالىي قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە، ”شەرقىي تۈركسىتانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ گۈزەل ھەدىيەسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيىتىمەن“ دېدى.
بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر بالىلارنى تەرتىپلىگەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ، بۇ پائالىيەتكە 6 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى تەرتىپلەپ قاتناشقانلىقىنى بۇ خىل پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ شېئىر ئوقۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقى ئىپادىلىدى.
مۇسا بايتاش خەۋىرى
