دىلمۇرات ھەسىناجىنىڭ ئۆلۈمى خەلقى – ئالەمگە ئىبرەت بولسۇن

دىلمۇرات ھەسىناجىنىڭ ئۆلۈمى خەلقى – ئالەمگە ئىبرەت بولسۇن
بىر كۈنى خوتەن شەھەر قىزىق دەرۋازا مەھەللىسىدە مەرھۇم دادام +++ بىلەن كىتىپ باراتتىم، يەكشەنبە كۈنى ئىدى، يېشىم 7-8 لەردە بولسام كېرەك، دادام تۇساتتىن قولۇمنى تۇتۇپ ياندىكى كوچىغا تارتتى، كوچىنىڭ تېمىغا يېقىن ئۆزىمىزنى بىرقانچە مىنۇت دالدىغائالغاندىن كېيىن يولىمىزغا داۋام قىلغان بولدۇق. دادامنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيران بولۇپ سورۇدۇم، دادام:ھەسىناجى كىلىۋاتىدىكەن كۆرمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى دالدىغا ئالدىم دېدى، يەنە سورۇدۇم: ئۇ ئادەم نېمە ئادەم؟ دادام: ئۇ ئادەم يولدا ئالىم، تىجارەتچىلەرنى كۆرۈپ قالسا دەرھال ئەسكەر ئەۋەتىپ تۇتۇپ ساقچىغا ئەكىرىپ سوراق قىلىپ،ئۇرۇپ-قىيناپ زۇلۇم قىلىدۇ دېدى. مەن ئۇ ۋاقىتتا ئانچە چۈشەنمىگەن بولساممۇ بىرئاز ئەقىل كىرگەن ۋاقىتتىن بىرى «ھەسىناجى» دېگەن بۇ مەخلۇقنىڭ نەقەدەر، ياۋۇز، قانخور جاللات ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم(ھەسىناجى خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى كادىرى ئىدى)، شۇندىن بىرى ئۇ ئادەمنى توڭغۇزدىنمۇ يامان كۆرەتتىم، كېيىن ئۇزۇن كىسەل تارتىپ، قىينىلىپ شەكلى ئۆزگىرەپ، تۇمشۇقى ،قۇلاقلىرى ئۇزىراپ شەكلى توڭغۇزغا ئايلىنىپ قاپتۇ دېگەن سۆزلەر تارقىلىشقا باشلىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلدى. ئائىلە بالىلىرى ئۇنىڭ شەكلىدىن قورقۇپ، سېسىق پۇراقتىن يىرگىنىپ قېشىغا كىرەلمەي ئاخىرى جان تالىشىپ ئۆلۈپتۇ .
ھەسىناجىنىڭ مۇسۇلمانلار ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلغان زىيانكەشلىكىنى ساناپ تۈگىتىش قىيىن. ئۇنى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە ھاۋالە قىلماي چارە يوق.
ئوغلى بولغان دىلمۇرات (ئۇزۇن مۇددەت خوتەن شەھەر، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە ئوخشاش بولمىغان خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن) دادىسىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىدىن ئىبرەت ئالماستىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە دىنى مەدرىسىلەرنى تاقاش، ئالىملارنى قولغا ئېلىش، قيناش، ئۆز مىللىتىگە زۇلۇم قىلىپ، ئەجنەبىلەرگە ساداقەتمەنلىك ئىزھار قىلىش بىلەن ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن. دىلمۇرات ھەسىناجىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ھەددى-ھېساپسىز بولۇپ، مىسال ئۈچۈن بىرلا ۋەقەنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.
ھەممىگە مەلۇم، ئابدۇلئەھەت بارات مەخسۇم ھاجىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى(ئاللاھ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن)، ئازدېگەندە 25يىللىق ھاياتىنى تۇرمىدا ئۆتكۈزگەن، 2004 -يىلى يەنە قولغا ئېلىنىپ ھېچقانداق جىنايەت تاپالماستىن، تالىپ ئۆگەتتى دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ 5 يىللىق ئۆي كىسىلىپ قاراشەھەر تۇرمىسىدا يېتىپ كەلدى. مەخسۇم ھاجىمنى قولغا ئېلىش بۇيرىقىغا دىلمۇرات ئىمزا قويغانلىقى ھەممىگە ئايان، 80ياشلىق بىر ئالىمنى تۇرمىغا ئېلىشقا ئىمزا قويۇش ئادەتتىكى ئىش ئەمەس، خوتەننىڭ ئابرۇيلۇق كىشىلىرىدىن بەزى كىشىلەر دىلمۇراتقا ئىلتىماس قىلىپ، مەخسۇم كىسەل، يۈزلۈك ئادەم، قويۇپ بېرىلسە دەپ دىلمۇراتنىڭ ئارقىسىدىن بىر قانچەيلەن ئۈرۈمچىگىچە بېرىپ، سۆزلىشىپ ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ ئۇ: مەن سەئۇدىغا كىتىۋاتىمەن قايتىپ كىلىپ بىرتەرەپ قىلىمەن، دەپ سەئۇدىغا (ئۆمەك ھاجىلىرىغا مەسئۇل بولۇپ) كەتكەن. قايتىپ كىلىپمۇ قويۇپ بەرمىگەن، مەسىلە مۇرەككەپلىشىپ رەسمى ئۆي كىسش ئالدىدا تۇرغاندا يول ماڭغانلارغا: كەچۈرۈڭلا! ئابلەت مەخسۇم ھاجىمنى تۇتۇش بۇيرىقىغا مەن قول قويغان بىلەن، قويۇپ بېرىش مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ دېگەن. دېمەك، دىلمۇراتمۇ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلاغا قولىدىن كىلىدىغان زىيانكەشلىكنى قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قان تەرى بەدىلىگە ھارامدىن توپلىغان مىليۇنلارچە پۇلى، ھەشەم-تەشەم ئايۋان سارايلىرى قۇتۇلدۇرالماي ئاخىرى داداىسىغا ئوخشاشلا شەكلى ئۆزگىرىپ، سۈرىتى مۇبەددەل بولۇپ ئۆلۈپتۇ، ئۇنىڭمۇ قىلمىشلىرىنى ئولۇق ئاللاھقا ھاۋالە قىلىمىز!
ھايات بارلاردىن ئاكىلىرىغا ياخشى بولۇش، مەنسىۋىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنلا مىرئادىلنى ناھەق ئېتىۋەتكەن مۇختەر جىڭۋى، ئابلەت دېگەندەك ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى، ۋەتەن خائىنلىرى ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. بۇ ئالەم سىناق،ئىمتىھان دۇنياسى. زالىملار خىيال چاغلىمىسۇنكى، ئۇلار ھېساپ-كىتاپ يوق ئالەمدە ياشىماقتا!
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، دۇنيادابارچە مىللەتنىڭ باشلىقلىرى مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىسا ئۇيغۇرلاردىن چىققان باشلىقلار شەخسى مەنپەئەتى، مۇستەملىكىچىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ كەلدى. بۇنداقلار مىللەت ئالدىدا شەرمەندە بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا جەھەننەم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ!!
ئۇيغۇر خەلقى دىن،ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ كىملىكىنى ياخشى بىلىپ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قولى بىلەن قارشى تۇرۇشقا كۇچى يەتمىسە تىلى ۋە دىلى ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزلىقىدۇر..
سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ فېسبوك سەھىپىسىدىن ئېلىندى
مۇسا بايتاش