خەۋەرلەر

تاھىرجان : سېرىقبۇيىدا يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاينىڭ دىنى بېسىم سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان

تاھىرجان : سېرىقبۇيىدا يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاينىڭ دىنى بېسىم سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان

2013 _ يىلى 4 _ ئاينىڭ 23 _ كۈنى قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىق بۇيا يېزىسىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 21 كىشى ئۆلگەنلىكى، نۇرغۇن كىشى يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

بىز، ئەسلى يۇرتى سېرىقبۇيىدىن بولۇپ ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش تاھىرجان بىلەن سېرىقبۇيىدا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

تاھىرجان مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن ئائىلىنى يېقىندىن تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ۋەقە يۈز بەرگەن ئائىلىنىڭ چوڭىنىڭ ئىسمىنىڭ بارات ناۋاي ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يۇرتتا جەمەتى كۆپ ۋە ھەممە كىشى ھۆرمەتلەيدىغان، دىندار ياخشى كىشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈچ نەپەر ئوغلى بولۇپ ئەڭ چوڭى كاۋاپچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، ئوتتۇرانچىسى ياغ سېتىش دۇكىنى ئاچىدىغانلىقىنى، ئەڭ كىچىكىنىڭ بولسا ئاكىلىرىغا ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ يەنە بارات ناۋاينىڭ ئوغۇللىرىنى دىنى جەھەتتە ياخشى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ، ساقال قويماسلىق، چۈمبەلنى ئېچىش توغرىسىدىكى بېسىملىرىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئىگىلىنىشىچە سېرىقبۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغاندەك تېررورلۇق ۋەقەسى بولماستىن بەلكى دىنى ۋە مىللىي بېسىمغا قارشى تۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋەقە ئىكەن. ئۈچ نەپەر ساقچى بارات ناۋاي ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئوغۇللىرىنىڭ ساقاللىرىنى ئېلىۋېتىشكە ۋە ئاياللىرىنىڭ چۈمبەللىرىنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپ تارتىشىپ قېلىپ كېيىن قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

سېرىقبۇيىلىق تاھىرجان بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئورۇق – تۇغقان ۋە يېقىنلىرىدىن ئالغان مەلۇماتلارنى نەقىل قىلىپ، بارات ناۋاي دېگەن كىشىنىڭ ئۈچ ئوغلى دەسلەپتە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ پىكىر قىلسا، ساقچىلار ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ساقچىلار بۇ ئۆيگە 3 قېتىم كېلىپ بېسىم قىلغانلىقىنى، ھەتتا ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئوتتۇرانجى ئىنىسىنى ۋەقە يۈز بېرىشتىن 15 كۈن ئىلگىرى تۇتۇپ ئاپىرىلىپ، قاتتىق ئۇرۇپ – قىيناپ قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

تاھىرجان كېيىن ساقچىلار يەنە ئۇ ئائىلىگە كېلىپ بېسىم قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئائىلىنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە دوستلىرى بولۇپ 14 كىشىنىڭ گۇرۇپپا ھالدا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، نەتىجىدە قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

تاھىرجان بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى بولماستىن خىتاينىڭ دىنى بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. 

تاھىرجان سۆزىدە يەنە ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئايال توغرىسىدا توختىلىپ، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ خىتايغا سادىق ئىشلەيدىغانلىقى، يېزىلىق بازاردا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللارنى قورساقتىكى بوۋاقلىرىنى ئالدۇرىۋىتىشكە مەجبۇرلاپ نۇرغۇن بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئاياللار ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئاياللارنى سېرىقبۇيىدا كىشىلەر بەك يامان كۆرىدىغان، نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close