خەۋەرلەر

قاغىلىقتا ھەربىي گازارمىغا موتسىكلىتلىق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن

1-ئۆكتەبىر كۈنى قاغىلىقتا ھەربىي گازارمىغا موتسىكلىت بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەدە 20 نەچچە كىشىنىڭ يارىلانغان ۋە ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ئۇچۇرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە قاغىلىقنىڭ چاسامەسچىت يېزىسىدىكى كۆككۆۋرۈك دېگەن جايدا يۈز بەرگەن. ۋەقەدە خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ قاغىلىقتىكى ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20 نەچچە ياش چامىسىدىكى ئىككى نەپەر ياش 1-ئۆكتەبىر كۈنى گۇما ناھىيىسىدىن قاغىلىق ناھىيىسىگە موتسىكلىت بىلەن يېتىپ كەلگەن؛ ئۇلار قاغىلىق ناھىيە بازىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بەخت يولى قاتارلىق جايلارنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ماكانلاشقان ھەربىي گازارمىنى سىرتتىن كۆزەتكەن؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ئايلىنىپ قاغىلىقنىڭ بەشئېرىق دېگەن يېزىسىغا كەلگەندە، موتسىكلىتتىكى ئىككى كىشىدىن بىرى موتسىكلىتتىن چۈشۈپ قالغان؛ يەنە بىرى موتسىكلىت بىلەن يولىنى داۋام قىلىپ، چاسامەسچىت يېزىسىنىڭ كۆككۆۋرۈك دېگەن جايىدىكى ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم نەتىجىسىدە قاتتىق پارتلاش يۈز بېرىپ، ھۇجۇمچى ۋە ئەسكەرلەر بولۇپ 20دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان ۋە ئۆلگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر بۇ مەلۇماتلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ناھىيىدىكى ئىدارە-جەمئىيەت ۋە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغان؛ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى، بەزىلىرى بولسا ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. بەشئېرىق ساقچىخانىسىغا ئۇلانغاندا، ۋەقەنىڭ راستلىقى ئىسپاتلاندى.

مۇخبىر: ساقچىخانىمۇ بۇ؟
ساقچى: بەشئېرىق ساقچىخانىسى.
مۇخبىر: ئۆتكەنكى ۋەقەدىن كېيىن ۋەزىيەت قانداق؟
ساقچى: مەن بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلمەيمەن، بىزنىڭ مۇئاۋىن سوجاڭ بىلەن سۆزلىشىڭ.
مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن قايسى خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالدىڭلار؟
ساقچىخانا باشلىقى: كوچا دوقمۇشلىرىغا چازا قۇرۇپ، سىرتتىن كىرىپ چىققانلارنى تەكشۈرۈۋاتىمىز.
مۇخبىر: ھازىرغا قەدەر، ۋەقەگە چېتىشلىق بىرەر گۇماندارنى تۇتتۇڭلارمۇ ياكى بايقىدىڭلارمۇ؟
ساقچىخانا باشلىقى: ياق، بىزنىڭ بۇ تەرەپتە بايقالمىدى.
مۇخبىر: ۋەقە قايسى كۈنى، سائەت نەچچىدە يۈز بەردى؟
ساقچىخانا باشلىقى: بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنى چۈش مەزگىلىدە يۈز بەردى.
مۇخبىر: نەق مەيدانغا سىزمۇ باردىڭىزمۇ؟
ساقچىخانا باشلىقى: ياق، ب

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close