خەۋەرلەر

ھىندىستان: چېگرادىكى خىتاي ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈلەيمىز دېدى

ھىندىستان: چېگرادىكى خىتاي ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈلەيمىز دېدى

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە،  ھىندىستان ئارمىيىسى لاداكتا بىر قەدەم چېكىندى دېيىلگەن.

يېقىندا خىتاي – ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تىركىشىشى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى بىر قىسىم تېررىتورىيىگە كىرىپ ئورۇنلاشقانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر مەسىلە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن ۋە كەسكىن باسقۇچقا ئېلىپ بارغان.

ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ باش گىنرالى بەكرەم سىنك خىتايغا قارشى رەددىيە بىرىپ، ئەگەر ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلسا، لاداختا تۇرۇشلۇق خىتاي ئارمىيىسىنى چىكىنىشكە مەجبۇرلىيالايمىز دېگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، سىنك  بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ ھازىر خىتاي ئارمىىيىسى بارگاھىدىن 90 كېلومىتىر ئۇزاقلاشقانلىقىنى ، ئەگەر ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىجازەت بەرسە لاداختا تۇرۇشلۇق خىتاي ئارمىيىسىنى چىكىندۈرۈشكە مەجبۇرلىيالايدىغانلىقىنى، ئەگەر ھىندىستان ئارمىيىسى تىركىشىش بولۇۋاتقان نۇقتىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، قوراللىق چارلاش ئېلىپ بارسا، ھىندىستان ئارمىيەسى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەمىنات لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلىيالايدىغانلىقىنى،  بۇ ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئوتتۇرىغا قويغان خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھىندىستاننىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسى ئەبۇل كالام ، لاداختا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەسكەرلىرى كىرگەن يەرلىرىدىن  چىكىندۈرۈلۈشى لازىم، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە جىددى قارىشى كېرەك دېدى.

 

http://ibnlive.in.com/news/border-tensions-between-india-and-china-remain-us-department/390057-2.html

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close