خەۋەرلەر

مارالبېشىدىكى كەنت مەسئۇللىرىغا كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆرە تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن

مارالبېشىدىكى كەنت مەسئۇللىرىغا كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆرە تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن

مارالبېشىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا يېقىندا ئېچىلغان بىر يىغىندا ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغان كەنت پارتكوم سېكرىتارلىرى ۋە كەنت باشلىقلىرىغا ئۆرە تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن. 

ئادەتتە چەت يېزىلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان بۇ جازا شەكلىنىڭ، يېتىلگەن كىشىلەرگە، بولۇپمۇ كەنت مەسئۇللىرىغا تەدبىقلىنىشى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقۇچىلاردا ھەيرانلىق ۋە ئويلىنىش پەيدا قىلغان. ۋەقەنى كۆرگۈچىلەردىن بىرى ئۇيغۇربىز تورىغا ئىنكاس يوللاپ، مارالبېشىدا كەنت مەسئۇللىرىنىڭمۇ يېزا ۋە ناھىيە ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئېغىر كەمسىتىشكە ۋە بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان. نەق مەيدان كۆرۈنۈشى بىلەن بېرىلگەن بۇ رەسىملىك خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جازالانغۇچىلار، دېھقانلاردىن پۇل يىغىش قاتارلىق بىر قاتار ۋەزىپىسىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئورۇندىيالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ جازاغا ئۇچرىغان. خەۋەردە مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، كەنت باشلىقلىرىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بېشىنى ئېگىپ تۇرغان بۇ كۆرۈنۈشى، مارالبېشىدا يېقىندا يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا قانلىق ۋەقەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىمۇ ئىشارەت بەرمەكتە. 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close