پائالىيەتلەر

تۈركىيە TV5 تېلېۋىزىيەسىدە سېرىقبۇيا ۋەقەسى ئاڭلىتىلدى

تۈركىيە TV5 تېلېۋىزىيەسىدە سېرىقبۇيا ۋەقەسى ئاڭلىتىلدى

مۇتەخەسسىسلەر 2013 – يىلى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئەڭ زور بىر ۋەقە دەپ باھا بەرمەكتە. 

بۇ ۋەقە قانداق، نېمە سەۋەبتىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ ھەقتە تۈرك جامائەتچىلىكىگە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە TV5 تېلېۋىزىيە قانىلى مەخسۇس پروگرامما تارقاتتى. 

29 – ئاپرىل كۈنى كەچتە ژۇرنالىست ئازمى مۇستافا قايا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزغان ئەپەندى بىلەن مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان قاتناشتى. پروگراممىدا نوقتىلىق ھالدا 23 – ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرى، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى، دۈنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېرىقبۇيا ۋەقەسىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى. بىر سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان بۇ پروگراممىدا سېرىقبۇيا ۋەقەسى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى. پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان چىدىغۇسىز بېسىم، كەمسىتىش ۋە يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەسلىدە ئىسلام دىنىغا، ئىسلام دۈنياسىغا قىلىۋاتقان كەمسىتىش ۋە ھاقارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇساجان بولسا سېرىقبۇيا ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەقىلگە سىغمايدىغان دىنىي بېسىمى تۈپەيلى كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

http://www.youtube.com/watch?v=g2Wcs8XGDE0&list=UUG1AKxFkv1MKYx8OChe__qg

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close