پائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئىككى مىنىستىرى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

 

2013 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق3   كىشىلىك ھەيئەت، تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۇلەنت ئارىنچ، دۆلەت مىنىستىرى بەكرى بوزداغ قاتارلىق مىنىستىرلار بىلەن ئەنقەرەدە ئايرىمئايرىم ئۇچراشتى.

 ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسىگە ئالاقىدار بىر تۈركۈم خىزمەتپائالىيەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇيغۇر ھەيئەت ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

بىز بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتى ۋە تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ قېتىمقى ئەنقەرە زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا خىتاي دائىرلىرىنىڭ چەتئەللەرنى ئالداپ يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلدۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار جار سالغاندەك تېرروچى ئەمەس بەلكى تىنچلىقپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان پۈتۈن ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى دەلىل ئىسپات بىلەن تۈركىيە مىنىستىرلىرىغا ئاڭلىتىش شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكىلات سۇنۇش ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر تۈركۈم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن زىيارەتكە بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، تۈركىيە دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرى بۇلەنت ئارىنچ ۋە بەكرى بوزداغ بىلەن ئايرىمئايرىم ئۇچراشقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ھازىرلەپ كەلگەن دوكىلاتنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇيغۇر ھەيئەت تۈركىيە مىنىستىرى بەكرى بوزداغدىن، تۈركىيەخىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيە گراژدانلىقىغا ئۆتۈشى ئۈچۈن تەييارلىغان 1000 كىشىلىك بىر تىزىملىكىنى سۇنغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا تۈركىيە گراژدانلىقى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مىنىستىر بەكرى بوزداغقا يەنە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قانچە تۈرلۈك مۇھىم تەلەپ  سۇنغان بولۇپ بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات بېرىشنى خالىمىدى.

زىيارەت جەرىيانىدا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى مىنىستىر بەكىر بوزداغقا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە چاپان ھەدىيە قىلدى. مىنىستىر بەكرى بوزداغ ئۇيغۇر دوپپا ۋە چاپاننى كىيىپ ئۇيغۇر ھەيئەت بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close