خەۋەرلەر

سەۋەبسىز 3 يىل تۈرمىدە ياتقان ئەسقەرجان ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى (1)

سەۋەبسىز 3 يىل تۈرمىدە ياتقان ئەسقەرجان ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى (1)

بۈگۈن بىز 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار بىر قسىم يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. 

خىتاي ساقچىلار تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلاردىن ھەر بىرىنى ۋەقەدە ئۆلگەن خىتايلاردىن ئەڭ ئاز 4 ياكى 5 خىتاينى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇپ قىينىغان، قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلمىغان ئۇيغۇرلار قىيىن – قىستاققا چىدىيالماستىن مەجبۇرىي ھالدا بىر قانچە خىتاينى ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئىمىزا قىلغان. ئىمزا قىلغانلارنى ساقچىلار سوتقا تاپشۇرماستىن ئۇدۇل ئاپىرىپ ئۆلتۈرگەن. خىتايچە بىلمەيدىغان بەزى ئۇيغۇرلار قىيىن – قىستاققا چىدىيالمىغانلىقتىن خىىتاي ئۆلتۈرمىگەن بولسىمۇ، ئۆلتۈردۈم دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى دەپ تەرجىمانغا يالۋۇرۇپ كەتكەن، تەرجىمان نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ئوتتۇرىدا قالغان. ھېچقانداق دەلىل، پاكىت يوق، كامىراغا چۈشمىگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلتۈردى دەپ مەجبۇرىي ئىمزا قىلدۇرغاندىن كېيىنلا سوتقا تارتماستىن ئۇدۇل ئاپىرىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئاشكارا بولدى. 

2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقتىن كېيىن سەۋەبسىز تۇتۇلغان ۋە ھېچقانداق جىنايەت ئارتىلماستىن 3 يىل تۈرمىدە ياتقان ئۇيغۇر ياش ئەسقەر يېقىندا چەتئەلگە چىققان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەسقەرجان تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا كۆزى كۆرگەن ناھەقچىلىكلەرنى ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى بايان قىلىدى. 

ئىگىلىنىشچە، خىتاي ئەسكەرلىرى ئۈرۈمچىدە ئۇمۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلغان ۋە كىم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلماستىن كوچىلاردا ئۇيغۇر تاپسىلا تۇتۇپ تۈرمىگە قامىغان. ئەسكەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل كۈنى كېچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاڭ ئاتقۇچە ئوق ئاۋازى توختىمىغان. ئەسقەرجان ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يىڭنە سانجىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن پەيتتە يولدا كېتىۋاتقاندا ساقچىلار كېلىپ كىملىك سورىغان، كىملىكىنى ئۆيىدە ئونتۇپ قالغان ئەسقەرجان ئۆيىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى، كىملىكنى ئۆيدىن ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ساقچىلار قوبۇل قىلماي ئۇنى تۈرمىگە ئاپىرىپ قاماق قويغان. 

ئەسقەرجان تۈرمىگە بىرلا ۋاقىتتا 200 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن قامالغانلىقىنى، تۈرمىدە ھەر كۈنى قىيىن – قىستاقتا نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تۈرمىدە 60 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئەسقەرجان ئۆزىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۈچ يىل تۈرمىگە قامىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرى خىتايچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىش جەريانىدا ئەسقەرجاننى تەرجىمانلىق قىلىشقا سالغان. بىز ئەسقەرجاندىن خىتاي ساقچىلار تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنى قانداق سوراق قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمە دەپ سوراق قىلغانلىقىنى سورىدۇق، ئەسقەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى، ئۆلگەن خىتايلاردىن 4 ياكى 5 كىشىنى ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا زورلاپ ئىمزا قىلدۈرۈشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، قوبۇل قىلمىغانلارنى قاتتىق ئۇرۇپ قىينىغانلىقىنى، بەزى تۇتقۇنلار بۇنى قوبۇل قىلمىسا قاتتىق ئۇرۇپ قىينىغانلىقىنى، بەزى ئۇيغۇرلار ھېچبىر خىتاينى ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۆلتۈردۈم دەپ جىنايەتنى ئۆستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلار قىيىن – قىستاققا بەرداشلىق بېرەلمەي شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ۋە ئۇنچىۋالا قىينالغاندىن ئۆلۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەسقەرجان سوراق جەريانىدا، خىتاي ئۆلتۈردى دەپ مەجبۇرىي ئىمزا قىلدۇرغان ئۇيغۇرلارنى ساقچىلار سوتقا تارتماستىن ئۇدۇل ئاپىرىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

ئەسقەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزى ياتقان تۈرمە قاتارلىق ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ چوڭ تۈرمىدە 9500 ئۇيغۇرنىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق دەپ قاراپ قامالغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ۋاقتىلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى دېگەندەك باشقا تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close