خەۋەرلەر

ئۆزبەكلەر بىرلىكى تەشكىلاتى، ئاندىجان قەتلىئامىنىڭ 8- يىلى مۇناسىۋىتى “ ئەركىن ئۆزبەكىستان “ ناملىق يېغىن ئۇيۇشتۇردى

ئۆزبەكلەر بىرلىكى تەشكىلاتى، ئاندىجان قەتلىئامىنىڭ 8- يىلى مۇناسىۋىتى “ ئەركىن ئۆزبەكىستان “ ناملىق يېغىن ئۇيۇشتۇردى

 ئۆزبەكىستان دۆلەت رەئىسى ئىسلام كېرىموفنىڭ ئاندىجان رايونىدا ئېلىپ بارغان قەتلىئامىنى خەلقارا كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىككىنجى خەلقارالىق يېغىنغا، ئۆزبەكىستان خەلق ھەرىكىتى رەئىسىنىڭ ۋەكىلى ناماز نۇرمۇمىن، تۈركىيە ئۆزبەكىستان خەلق ھەرىكىتى رەئىسى ئالىبەي يولياخشى، ئەنگىلىيە ئۆزبەكىستان سابىق بۈيۈك ئەلچىسى ۋە “ سەمەرقەنتتە ئۆلۈم “ رومانىنىڭ يازغۇچىسى جرائگ مۇرراي، فەرغانە خەۋەر يازغۇچىسى دانىل كىسلوف، ئۆزبەكلەر ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئادەم چەۋىك ۋە ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئوبزۇرچىسى ئابدۇراھمان دېلىپاك ، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە جەمىئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان قاتناشتى.

يېغىندا سۆز قىلغان ئابدۇراھمان دىلىپاك، “ بىز يەر شارىدا تىنچلىقتىن ، ئادالەتتىن ۋە ئەركىنلىكتىن باشقا يىڭى بىر ۋەزىيەت يارىتىش مەجبۇرىيىتىدىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزبەكىستاننىڭ يالغۇز شەكىلدە نىجاتلىققا ئېرىشەلىشى ماڭا ئانچە توغرا بىلىنمەيدۇ، لېكىن ئۆزبەكىستان خەلقىنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئويغۇنىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن بولغان بىر ۋاستە، توغرا ئۇسۇلدا ئالدىغا قاراپ توغرا بىسىلغان بىر قەدەم بولۇپ، ئۆزبەكىستان قارشى ھەرىكىتى ، ئويغۇنىشى  ۋە قۇرتۇلۇشى مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر چۈشەنجىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ دېدى.  

ئەرەپ قوزغىلىڭىدىن كىيىن بېسىلىدىغان بىر قەدەمنىڭ تازا ئېنىق بولمىغانلىقىنى ئىپادىلىگە دىلىپاك، “ بۇ قەدەم سەئۇدى ئەرەبىستاندا، ئىراندا، كاپكازدا، ۋە ياكى ئۆزبەكىستاندا بېسلىشى مۇمكىن. نۆۋەت كىمگە كەلدى؟ ئۇنى بىلمەيمەن، لېكىن ئىستىبداتقا قارشى باشلانغان جەرياننىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويالايمەن . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر مۇجادىلىگە ھازىرلىنىشىمىز لازىم. پەقەت ئۆز دۆلىتىمىز، ئۆز رايۇنلىرىمىز ياكى ئىسلام جوغراپىيىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى يالغۇز شەكىلدە ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولمىغان ھەل قىلىش يولىنىڭ بىزنىڭ ھەل قىلىش يولىمىز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ھەقسىزلىق، زۇلۇم ۋە ئېكسىپىلاتاتسىيە قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ. مۇسۇلمانلار، ھەر ۋاقىت ھەقسىزلىق كىمدىن كەلسە كەلسۇن ، كىمگە قارىتىلغان بولسا بولسۇن مەزلۇمغا (زۇلۇم قىلىنغان) ئەمەس ، زالىمغا قارشى مەيدان ئوقۇش مەجبۇرىيىتىدە بولىشى لازىم دېدى.

كىيىن سۆز قىلغان ئۆزبەكستان خەلق ھەرىكىتى رەئىسىنىڭ ۋەكىلى ناماز نۇرمۇمىن، ئاندىجان ۋەقەسىدە توپلانغان مىللەت، ئۇيەردىكى بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ۋەكىللىرى بولغان ئىنسانلار، پەقەت ئىنسان ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى، بۇ ۋەقەمۇ خۇددى 2005 – يىلىدا يۈز بەرگەن گۈرجىستان، ئوكرائىنيە ۋە قىرغىزىستاندا ھەر خىل رەڭدە ، ھازىر خۇددى ئەرەپ باھارىدا بولغىنىدەك بىر باھار ۋەزىيىتى ئىدى. بۇ ۋەقە كېرىموف دىكتاتۇرى تەرىپىدىن، ئۆزبەكىستان خەلقىنىڭمۇ ئۆزبەكىستاندا مۇشۇنداق بىر ئىنقىلاپ قىلمىسۇن دەپ ئېلىپ بارغان بىر خەلققە قارشى ھازىرلانغا سۈيقەست قەتلىئامىدۇر. بۇ قەتلىئامدىن كېيىن ئۇ يەرگە ئاخباراتچىلار كېرگۈزۈلمىدى. بۇ ۋەقەنىڭ ھېچكىمگە بىلىنمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىندى. بۇمۇ كېرىموف دىكتاتۇرىنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر دېدى.  

مەزكۇر ئاندىجان ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ 3 مىڭ ئەتراپىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن نۇرمۇمىن، كېرىموف دىكتاتۇرلىقىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ دەسلەپتە 30 -40 ، كىينچە خەلقارا بېسىمى نەتىجىسىدە 700 گە يېقىن دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۆزبەكىستان خەلقىنىڭمۇ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلغان بۇ قەتلىئامدىن كىيىن كېرىموفنىڭ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغانلىقىنى تىلىغا ئالغان نۇرمۇمىن، كېرىموفنىڭ بۇيەردە ئىسلام تىرورچىلىرى بار دېگەن سەپسەتىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ھالبۇكى ئۇ يەرگە توپلانغان جامائەت ھېچقانداق بىر ئىسلامى ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئەمەس ئىدى دېدى.

يېغىندا، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن سۆزگە چىققان جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، ئاندىجان ۋەقەسىدە يۈز بەرگەن قەتلىئامنىڭ شەرقى تۈركىستاندىمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۆزبەك – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزبەك – ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز – ئارا ياردەملىشىشى كېرەكلىكىنى، ئاندىجان ۋەقەسى زىكىر قىلىنغان ھامان 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى – ئاپەت زۇلۇم ئوخشاشتۇر. خىتاي ۋە كېرىموف ھاكىمىيىتى ئوخشاشلا خەلقنى ئىزىدىغان ، شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن خالىغانچە خەلقنى قەتلى قىلىدىغان، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىسلامىيەتنىڭ دۈشمىنى كومۇنىست تۈزۈمىدۇر. بۇنداق قەتلىئاملارغا ، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا بىرلىشىمىز كېرەك، ئۇنداق قىلمىغاندا مۇسۇلمانلار ھەر زامان قەتلى قىلىنىۋىرىدۇ. بىز شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىسلامىيەتنى بىرىنجى ئۇرۇندا قويىمىز. پۈتۈن مۇسۇلمانلار دۇچ كىلىۋاتقان ھەقسىزلىقلارغا قارشى ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىرلىشىشى كېرەك، دېدى.

 

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close